دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-25 11:18:52

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. مۇنارسىمان كىرانلار «پولات بىلەك»لىرىنى پۇلاڭلاتسا، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشەتتى... ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىدا قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى. 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئېشىپ، ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، مۇقىم، ساغلام باشلىنىش ئىشقا ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت «نۇقتا، لىنىيە، دائىرە، كۆلەم» ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئالغا سىلجىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايەتنىڭ نازىر دەرىجىلىك رەھبەرلەر مۇھىم، زور تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ساقلانغان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى رەتلەپ، پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ سىناش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى كۆرەك قىلىپ نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئايلىق، پەسىللىك ۋە يىللىق تەكشۈرۈپ سىناشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتتى.

مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايەتنىڭ سېلىنما تۈرلەر ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتى مەخسۇس بەنىنىڭ رولىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئىش بېجىرىپ، نەق مەيداندا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، كارخانىلارغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە ياردەم بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنىڭ مەسىلە تىزىملىكى ۋە ئىلگىرىلەش تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەل قىلىشىغا بىۋاسىتە يەتكۈزدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭ جۇڭتەي جىنخۇي پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 300 مىڭ توننا BDO ئىشلەپچىقىرىش، شىنجاڭ ئاۋفۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا يېڭى تىپتىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ نېفىت خىمىيە كەسپى بىلەن توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ماسلىشىپ تەڭ تەرەققىي قىلىشى جەھەتتە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، جېسۇ نېفىت خىمىيە ئائىلە توقۇمىچىلىقى پەن ـ تېخنىكا (ئاقسۇ) چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 670 مىليون مېتىر توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى رەختى ئىشلەپچىقىرىش، شىنجاڭ شىنجىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 500 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش، 10 مىڭ دانە رەخت توقۇش ماشىنىسى ۋە 50 مىڭ توننىلىق گۈل بېسىش، بوياش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ تۆمۈريول تورى، تاشيول تورى قۇرۇلۇشىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توقسۇ ـ باي تۆمۈريولىدا ئىش باشلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، G217 لىنىيەسىنىڭ كۇچا ـــ شايار تاشيولى، G219 لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇ (ئونسۇ) ــــ ئۇچتۇرپان ـــ ئاقچى تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، G579 لىنىيەسىنىڭ كۇچا ـــ باي ــــ قارايۇلغۇن تاشيولى (2 ـ قارار)، G580 لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇ ــــ ئاۋات تاشيولىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يېڭى ماتېرىيال كەسپىدە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ يۇڭئەن كىرېمنىيچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 250 مىڭ توننا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە بالدۇر ئىش باشلىنىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ لەنجىڭ يېڭى ماتېرىيال پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوپتىكىلىق ئېكران ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، شىنجاڭ تېڭيۈ يورۇقلۇق ئېلېكتىر پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ UTG ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز ئېلاستىك ئەينەك تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەت مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بازا»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، 2 ـ، 3 ـ پەسىلدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈرلەر ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زاپاس تۈرلەرنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئايدا سۈرئەتنى تېزلىتىش ئارقىلىق پەسىلدە سۈرئەتنى تېزلىتىپ، پەسىلدە سۈرئەتنى تېزلىتىش ئارقىلىق يىللىق نىشانغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، «ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاش» نىشان ـ ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش