دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 60 ـ «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ئاقسۇدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 12:53:15

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 94 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئېشىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 80 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.1 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 79.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ ئىمپورت قىممىتى 14 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.9 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكىنى سىجىل زورايتىپ، بىر قاتار سىياسەت پايدىسىنى تەدرىجىي قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولغان.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ماس تەرەققىي قىلىش ھالىتى گەۋدىلەنگەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى داۋاملىق ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغان، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %193.6، %99.5، %135.6 ئاشقان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى جەھەتتىكى پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىگەن.

سودا ھەمراھلىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭ بىلەن يەككە سودا ھەمراھى بولغان دۆلەت ۋە رايون بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 160تىن 165كە كېڭەيگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقان، ئالدىنقى تۆت ئايدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 75 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %43.4ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 86 مىليارد 980 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.6 ئاشقان؛ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.1 ئاشقان.

سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بىردەك مۇسبەت ئاشقان، چېگرا ئاز سوممىلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %115.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %50.9ىنى ئىگىلەپ، چېگرا ئاز سوممىلىق سودىنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولى كۆرۈنەرلىك بولغان؛ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %116.9 ئېشىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ 10.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

تىجارەت سۇبيېكتلىرىدىن قارىغاندا، پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» بولغان. ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭدا ئىمپورت - ئېكسپورت ئەمەلىي نەتىجىسى بار تاشقى سودا كارخانىلىرى سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 90 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.8 ئاشقان؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.4 ئاشقان.

تاۋار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 79 مىليارد 920 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.3 ئېشىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ۋە ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلار ئېكسپورتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %109.2، %100.5 ئېشىپ، قوشۇپ ھىسابلىغاندا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %84.4ىنى ئىگىلىگەن. يېڭى ئەۋزەللىككە ئىگە مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلاتنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %382.2، %146.6، 94.8 ھەسسە ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش