دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 60 ـ «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ئاقسۇدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 13:00:56

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان تور سودا سوممىسى 105 مىليارد 806 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى 21 مىليارد 7 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.54 ئېشىپ، ھەر ئىككىلىسىدە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ساقلانغان.

توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى ئىچىدە، ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكىلىرىنىڭ توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى 14 مىليارد 519 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5 ئاشقان؛ مۇلازىمەت تىپىدىكىلىرىنىڭ توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى 6 مىليارد 488 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.96 ئاشقان.

يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سىستېمىسى، تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشى ھەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشى، قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭ يېزىلىرىدا توردا پارچە سېتىش سوممىسى 10 مىليارد 511 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.9 ئاشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى 7 مىليارد 50 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئاشتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. تۈرلۈك سودا كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت كارخانىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى ئۆز جايىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، 3 - تەرەپ سۇپىسى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، تور ۋە تور سىرتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى تەسىس قىلىش شەكلى ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتى ئىستېمالىنى قوزغاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار جەمئىيەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆز جايىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ، توردا ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، تور سىرتىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان ئىستېمال مۇلازىمىتىنى تور يولىغا كىرگۈزدى.

شىنجاڭ يەنە مەھسۇلات سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتى، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىنى ئاساس قىلىش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى. سودىگەرلەرنى بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە كېمەيتىش، بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە سوۋغات بېرىش، ھەقىقىي تۈردە باھانى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاھالىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەپ، يېزا - كەنت ئىستېمالىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك خاس، ئەلا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سالمىقىنى زورايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش