دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 60 ـ «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ئاقسۇدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 13:02:40

10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىش، «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش... 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن قوللانغان بىر قاتار ئىجادىي تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى ھەم چۈشەندۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى زوۋ لىڭچۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىختىساسلىقلار يېتەكچىلىكى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر قاتار ئىجادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش، ئېلىپ قېلىشتىن ئىبارەت يېڭى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

تەرەققىيات سېلىنما سالمىقى زورايتىلىپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن بىرلىكتە 10 مىليارد يۈەن جۇغلاپ، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، مۇھىم، زور پەن تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش ھەمدە رايون ئىختىساسلىقلىرى ئېگىزلىكى قۇرۇشقا ئىشلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك توپلاپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئومۇمىي گەۋدە بويىچە تۈرتكە بولۇش رولىغا ئىگە «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇش باشلاندى. بۇ، ئاساسلىقى «تىيانشان تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىختىساسلىقلار پىلانىنى ھەمدە كەسىپتە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قوللاش پىلانى، پەن تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپىنى قوللاش پىلانى، «قابىللار باشلامچى بولۇش» بويىچە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش پىلانى، نۇقتىلىق باغچە رايونلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش، كېڭەيتىش ئىختىساسلىقلار پىلانى قاتارلىق بەش مۇھىم، زور ئىختىساسلىقلار تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدۇ، توپلايدۇ.

«5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنىڭ بەزىلىرى سىجىل يولغا قويۇلىدىغان ئىختىساسلىقلار پىلانى بولۇپ، بۇ قېتىم ئەلالاشتۇرۇلۇپ بىرىكتۈرۈلدى، مەسىلەن، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كۆزدە تۇتۇلغان «تىيانشان تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانى، يۇقىرى قاتلاملىق ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق كىرگۈزىدىغان «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى مەزگىلدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە زىچ يېقىنلاشقان، كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈرلىرىمۇ بار. مەسىلەن، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، «بىر كەسىپتە بىر مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كەسىپتە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قوللاش پىلانى؛ «بىر باغچىغا بىر سىياسەت» بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى قۇرۇشنى قوللايدىغان نۇقتىلىق باغچە رايونلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى؛ شىنجاڭدا ھەل قىلىش قىيىن بولغان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىدىغان «قابىللار باشلامچى بولۇش» بويىچە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش پىلانى؛ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كېڭەيتىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈپ شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش، كېڭەيتىش ئىختىساسلىقلار پىلانى.

تۇنجى تۈركۈمدىكى «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىدا تاللانغان ئىختىساسلىقلار ۋە كوللېكتىپتىن جەمئىي 5600دىن ئارتۇقى باھالاپ چىقىلدى، تۇنجى يىللىق قوللاش مەبلىغى جەمئىي 1 مىليارد 405 مىليون يۈەن، ئۈچ يىللىق دەۋرىيلىك قوللاش مەبلىغىنىڭ جەملىمىسى 2 مىليارد 772 مىليون يۈەن بولىدۇ. «تىيانشان تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىغا تاللانغان شەخس ۋە كوللېكتىپلارنى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى قوللايدۇ، ئادەتتە ئۇدا ئۈچ يىل قوللايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قوللاش خىراجىتىنىڭ %30ى شەخسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ، ھۆكۈمەت مۇكاپات پۇلى قىلىنىپ، بەلگىلىمە بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مەسىلەن، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدا، تاللانغان باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا بىر قېتىمدىلا 500 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون يۈەن خىراجەت ياردەم مەبلىغى بېرىلىدۇ، ياش دوكتورلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا بىر قېتىمدىلا 200 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى قوللاش سالمىقى مىسلىسىز بولىدۇ. نۆۋەتتە 2 - تۈركۈمدىكى تاللاش خىزمىتىنى يولغا قويۇش باشلاندى.

ئىشتات ئىشلىتىش، ئىش ئورنىنى باھالاپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق بېرىش تىزىملىكىدىن 27نى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، 1000 ئوبوروت ئىشتاتى ئىشتاتى تولۇق ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرىغا چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ... ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشى بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتى مۇھىتى يارىتىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئۇنۋان باھالاش شەرتىدىن 21ىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىلمىي ماقالە، ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخى، مۇكاپات تۈرىگىلا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ناچار خاھىشلار تۈگىتىلىدۇ؛ ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارغا قارىتا ئالىي ئۇنۋان بىۋاسىتە بېكىتىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلام كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشتا، نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش چارىسى بېسىپ تارقىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ساپ كىرىمىنىڭ %70تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبىتىنى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تاماملىغان شەخس ياكى كوللېكتىپنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىش بەلگىلەندى.

زوۋ لىڭچۇن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئېلىپ قېلىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ روشەن پەرق ئېتىش دەرىجىسىگە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى سۆيىدىغان قويۇق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش