ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە
5-ئاي ئاخىرلىشاي دەپ قالدى
كېلەر ئايدا يەنە دەم ئېلىش مەزگىلى بار
شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى
دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش كېلىدۇ
بۇ يىللىق دۇەنۋۇ بايرىمى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بولۇپ
6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
6-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ
يەنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بويىچە بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ
6-ئاينىڭ 25-كۈنى(يەكشەنبە) بىر كۈن تەڭشىلىپ
ئۇدا ئالتە كۈن خىزمەت قىلىنىدۇ
خۇش خەۋەر شۇكى
شىنجاڭلىقلار دۇەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ كۈن دەم ئېلىشتىن باشقا
قۇربان ھېيت مەزگىلىدە يەنە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
6-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇربان ھېيت
6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
دەم ئېلىش كۈنى تەڭشەلمەيدۇ
كېلەر ئايدا يەنە شۇنچە كۆپ دەم ئېلىش كۈنى بارلىقىنى ئويلىغىنىڭىزدا
سەھەردىلا خىزمەتتە تېخىمۇ روھلىنىپ كەتتىڭىزمۇ
ئۇنداقتا تېخىمۇ جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن
كېلەر ئايلىق دەم ئېلىش پىلانى ئۈچۈن
كۈرەش قىلىڭ!!!
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش