دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 60 ـ «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ئاقسۇدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 11:08:10

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، شىنجاڭدىكى مەلۇم مۇھىت پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى ۋاڭ شياۋلۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تۈرنى يوللاپ تەستىقلىتىش مەزگىلىدە، ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىز بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلەشتى، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە بىز 15 خىزمەت كۈنىدە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تەستىقىنى قولىمىزغا ئالالىدۇق.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى قىلىپ، مۇھىت تەسىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان مۇھىت تەسىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

  ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى چۆرىدەپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش مۇلازىمەت تىزىملىكى ۋە باشقۇرۇش دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، يېتەكچىلىك قىلدى. كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئالاقىلاشقۇچى بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىن ئارىلىشىپ، «بىرگە بىر» دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، بىرلىشىپ سۈرئەتنى ئاشۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كەلگەن ھامان تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «توردا مەسلىھەت بېرىش» ۋە «تور سىرتى مەخسۇس رايونى»تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت كۆزنىكى، 12345 قىزىق لىنىيە تېلېفونى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا ئالاقىدار تەلەپلەرنى توغرا چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى.

  ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى يەنە تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەگە مەسئۇل تارماقلار بىلەن، كەسىپ باغچە رايونلىرى، تۈر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتىنى تېز بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. تۈر دوكلاتنامىسى، دوكلات جەدۋىلى ۋە تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش ئايرىمىسىنى تۈرگە ئايرىپ ئېنىق بېكىتىپ، دەپتەر تۇرغۇزۇپ، تۈر بويىچە ئەگىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى. مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مۇھىم، زور كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق تۈرلەردە «يېشىل يول»ئېچىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قىسقا مۇددەتتە تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇشقا قانۇن بويىچە بالدۇر ئىش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بەردى.

  بۇ يىل ۋىلايەت يولغا قويىدىغان 1213 مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى تۈرى ئىچىدە، 972 تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى، قالغان 241 تۈرنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %80.1كە يەتتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى داۋاملىق دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا سىجىل ئەگىشىپ، «يېشىل يول» مۇلازىمىتىنى داۋاملىق راۋانلاشتۇرۇپ، «مۇھىم ئامىللار تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت مۇھىم ئامىلى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى قانۇن بويىچە تېز ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش