ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. بەش كۈن داۋاملاشقان 3 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يەرمەنكىسى ۋە خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسى» دېيىلىدۇ) 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئاياغلاشتى، ۋىلايىتىمىز پائال تەييارلىق كۆرۈپ، كارخانىلارنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى، 17 مىليون 78 مىڭ يۈەنلىك سېتىش زاكازى ئىمزالىدى، نەق مەيداندا 530 مىڭ 300 يۈەنلىك تۈرلۈك ئالاھىدە مەھسۇلات سېتىلدى.
بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسى ئاقسۇ يەرمەنكە رايونى سىن، يەرمەنكە تاختىسى ۋە ئەمەلىي مەھسۇلاتلار ئارقىلىق يەرمەنكە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەۋزەل بايلىقى، رايون قاتنىشى، ئادىمىيەت مۇھىتى، نۇقتىلىق كەسىپلىرى، سودىگەر چاقىرىش يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى. يەرمەنكىگە قاتناشقان 31 كارخانا ياڭاق، چىلان، شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك، نوقۇت، جىغان شەربىتى، تۆگە سۈتى پاراشوكى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، پاختا يىپ، پاختا رەخت، كىيىم ـ كېچەك، باش كىيىم قاتارلىق يۈرۈشلۈك توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەم كەشتە، قولدا ياسىغان ياغاچ قوشۇق قاتارلىق 400 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكىگە قويۇپ، نۇرغۇن ئامما ۋە سودىگەرنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە، يەرمەنكە قىلىش ۋە سېتىشنى تەڭ جانلاندۇردى.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋىلايىتىمىزنىڭ يەرمەنكە رايونى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، يەرمەنكىگە قويغان بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق يەرمەنكە بولۇپ، ۋىلايىتىمىز تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يەرمەنكە رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
ۋىلايىتىمىزدىن يەرمەنكىگە قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يەنە يەرمەنكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خاڭجوۋ، ۋېنجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۈچ مەيدان كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ۋە ھەمكارلىق تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىمزالانغان ئومۇمىي كېلىشىم سوممىسى 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ تۈرلەر ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، چارۋىچىلىق، يېشىل مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق كەسىپ ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش