ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك تيەنخاڭ تەجرىبە مەكتىپى «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئاقسۇ شەھەرلىك تيەنخاڭ تەجرىبە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتى شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپ گاۋ جيەن بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئەركىن سەلەي ئاقسۇ شەھەرلىك تيەنخاڭ تەجرىبە مەكتىپى «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»نىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى» جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتى 2014 ـ يىلى قۇرغان ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى بولۇپ، بۇنى قۇرۇشتىكى مەقسەت: تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى، تېلېۋىزىيە سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش كىتابلىرىنى ئىئانە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى تېلېۋىزىيە سەنئىتى ئارزۇسىغا ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن مەملىكىتىمىزدىكى 17 ئۆلكە (رايون، شەھەر)دە «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»دىن 59ى قۇرۇلغان.
شۇ كۈنى، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى سەنئەت ۋە تاراتقۇ شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ چېڭخۇ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە دەرس ئۆتتى؛ جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە كىنو ـ تېلېۋىزىيە جابدۇقلىرى، كىتاب ـ ماتېرىيال ئىئانە قىلدى، ئاپتونوم رايونغا كىنو ـ تېلېۋىزىيە سەنئىتى مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتاب ـ ژۇرناللارنى ئىئانە قىلدى.
بۇ مەكتەپنىڭ 8 ـ يىللىق 5 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مو شۇ مۇنداق دېدى: «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى» بىزنى تېخىمۇ كۆپ فىلىم ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى، مەن قولۇمدىكى سىن ئاپپاراتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى قالتىس تۇرمۇشنى خاتىرىلەپ، تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىمەن.
مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كۇڭ چاۋلى مۇنداق دېدى: بىز «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»نى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەردە سەنئەت ئارزۇسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش