دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 60 ـ «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ئاقسۇدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 12:17:21

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر نيۇ يۈەنفېڭ قاتارلىقلار ئاقسۇغا كېلىپ تەزكىرە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، نيۇ يۈەنفېڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە دوكلات ئاڭلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەزكىرە ئىشلىرىنىڭ ‹14 ـ بەش يىل›لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بىرنى كىرگۈزۈش، سەككىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئىككى تەزكىرە» (نامراتلارنى يۆلەش تەزكىرىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى)نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، سۆھبەت يىغىنىدا، نيۇ يۈەنفېڭ ۋىلايىتىمىزنىڭ تەزكىرە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك تەزكىرە سىستېمىلىرىدىن يېڭى دەۋردىكى تەزكىرە خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەزكىرە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ كۆپ كىتاب چىقىرىش، ياخشى كىتاب چىقىرىش، ئېسىل كىتاب چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەزكىرىنىڭ يىلنامىلىرىنى بېكىتىش، تەزكىرە تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە دەل جايىدا كۈچەش؛ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەزكىرە تۈزگۈچىلەرنى كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىلدە ئالاقىدار كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەپ، تەزكىرە خىزمىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  2022 ـ يىلى، ۋىلايەت تەزكىرە تۈزۈش، يىلنامىلەرنى بېكىتىش ـ تۈزىتىش، ۋىلايىتىمىزنىڭ تەزكىرە بايلىقىنى قېزىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل، ۋىلايەت خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش، ئادەم تەربىيەلەش» بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، كەسىپكە مەسئۇل بولۇش، تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»قا سىجىل كۈچەپ، تەزكىرە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش