دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 60 ـ «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ئاقسۇدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 12:24:32

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قارالمىلارنى قاراپ چىقىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاش، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت 10 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتەك ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇش، ئۈچ جەزمەن» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كان، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، يول قاتنىشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، «X + 1» چوڭ خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇپ، ۋىلايىتىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پاك ـ دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىكنى كەڭ تاۋلاش، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش، ئۈنۈمنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش