دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىز 2023 ـ يىللىق پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-23 11:01:58

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ۋىلايىتىمىزنىڭ 2023 ـ يىللىق پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى باشلاش مۇراسىمى ئاقسۇ ئەسىر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ھاياتلىق ـ ساغلاملىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، نەچچە مىڭ ئامما نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلىندى.

  ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۆرگەزمە يايمىسىدىكى ئاسترونومىيە تېلىسكوپى، ماشىنا ئادەم قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى لېي يۈ ئاسترونومىيە ھەۋەسكارى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز قۇراشتۇرغان. يېڭى دەۋردىكى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غايىمىزنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادكارلىق روھى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۇلۇغۋار غايىسىنى تىكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، نۇرغۇن ئاتا ـ ئانا بالىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئېلىپ كەلدى. ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى جاڭ رۇيچىن مۇنداق دېدى: بالام تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ئالەم كېمىسى مودېلى قاتارلىق پەن ـ تېخنىكا بۇيۇملىرىغا بەك قىزىقىدۇ. بۈگۈنكى پائالىيەت ئارقىلىق بالامنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلىم ـ پەن بىلىملىرى ۋە پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئىگىلەپ، پەن ـ تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ باش تېمىسى «ئىلىم ـ پەننى قىزغىن سۆيۈش، ئىلىم ـ پەنگە چوقۇنۇش» بولۇپ، پائالىيەت 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، ۋىلايەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپتوموبىلى، مەكتەپلەردە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، داۋالاش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك خاس پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىلىرىنى مەكتەپ، مەھەللە، ئورگان، كارخانا، يېزا ـ كەنتلەرگە بېرىشقا تەشكىللەپ، پەن ـ تېخنىكا سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلىم ـ پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ـ پەنگە چوقۇنىدىغان، ئىجادچانلىققا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى يەنىمۇ يارىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ كەڭ ئاممىغا تېخىمۇ نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

  ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گو تاۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش