دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى ۋىلايىتىمىز 2023 ـ يىللىق پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى شىنجاڭ «ھاۋا يىپەك يولى»نى زىچ بەرپا قىلدى «گۈللەرنى قوغلىشىپ شىنجاڭنى كۆرۈش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ئاياغلاشتى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى شىنجاڭنىڭ قەغەز مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا سېتىلدى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى تەدرىجىي تەرتىپلىك كۆپەيتىلدى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - ، 3 - لىنىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوبۇل قىلغان تەبىئىي گاز 430 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-23 11:07:06

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا)راللى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كىنو كىچىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ لېي پىدائىيلارغا بايراق بەردى.

  2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 31 ـ كۈنىگىچە بولۇپ، باش تېمىسى: «قىزغىن مۇھەببەت بېغىشلاش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت، مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسى تەخمىنەن 4300 كىلومېتىر بولۇپ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە رايونىغا ئايرىلدى، ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى، موتوسىكلىت گۇرۇپپىسى، يۈك ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت جەمئىي ئۈچ گۇرۇپپا ئايرىمىسى، تۆت لاگېر تەسىس قىلىندى، بۇ مۇسابىقە بىر قىسقا مۇساپىلىك دەرىجە تالىشىش مۇسابىقە بۆلىكى ۋە توققۇز رەسمىي مۇسابىقە بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇسابىقە بۆلەكلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2250 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، جىلغا، يارداڭلىق، قۇملۇق قاتارلىق يەر شەكلى قىياپىتىنى قاپلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دىڭ يوۋمىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىقلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر قاتار ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت سەرخىل لىنىيەسى ۋە قالتىس مۇسابىقىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، پىلانلاپ، دۆلىتىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنى كېلىپ ھېس قىلىشقا جەلىپ قىلىپ ۋە تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «تەنتەربىيە + ساياھەت» ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ۋە تەنتەربىيە، ساياھەت كەسپىنىڭ چوڭ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۈيجۈن تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى قاتارلىق ماركىلىق مۇسابىقە پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەنتەربىيە ساياھىتىدىن ئىبارەت خاس يېڭىچە كەسىپ ھالىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تاغلىق ۋە دالا ئاپتوموبىل ـ موتوسىكلىت مۇسابىقىسى، دالىدا پىيادە يۈرۈش، ئاۋىياتسىيە تەنھەرىكىتى، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق سەرخىل تەنتەربىيە ساياھىتى تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنىڭ ئىناۋىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، ئاقسۇنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تاماقلىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر جايدىن كەلگەن مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار ئورۇن ۋە ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ئەركىن سەلەي، پەتتار تۇرسۇن، ئەنۋەر مۆمىن، جيا جىڭلېي، لو مېييىڭ، چاڭ يۈشۈەن، شۆ جيەنچياڭ قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر يولغا چىقىش سۇپىسىغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئاتلىنىشىغا بۇيرۇق بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش