دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«گۈللەرنى قوغلىشىپ شىنجاڭنى كۆرۈش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ئاياغلاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-23 11:29:45

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى خەنزۇ تىلى مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە لياۋنىڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى چۆچەك شەھىرىدىكى ئاككوردىيون مۇزېيىدا چۆچەك شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى زىيارەت قىلماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» بويىچە «گۈللەرنى قوغلىشىپ شىنجاڭنى كۆرۈش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ئاياغلاشتى.

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق مەركەز، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭدىكى 20دىن ئارتۇق تاراتقۇدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇخبىر ئىلى، تارباغاتاي، خوتەن ۋىلايىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سەپەر شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، تەبىئىي شارائىتى ۋە قويۇق ئۆرپ - ئادىتى ھەم جۇشقۇن جەمئىيەت قىياپىتىنى پۈتۈن تاراتقۇلۇق نامايان قىلدى.

بەش كۈن ۋاقىت ئىچىدە، مۇخبىرلار قورغاس ناھىيەسىدىكى جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغىدا قارلىق تاغ ئېتىكىدىكى ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان چېچەكلىرىنى تاماشا قىلىپ، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مولۇق تۆرجايلاۋ ئوتلىقىدا 100 خىلدىن ئارتۇق ئوت - چۆپلەرنىڭ خۇش پۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسىدا قىزىلگۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاۋامغا زامان ۋە ماكان ھالقىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل شىنجاڭنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.

مۇخبىرلار ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەھەتتىكى جانلىق مىساللارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، گۈزەل مەنزىرە گۈللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق گۈللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى، مەدەنىيەت - مەدەنىيلىك گۈللىرى، بەخت، بېيىش گۈللىرى ئارقىلىق ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە دۇنياغا نامايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى خەنزۇ تىلى پىروگراممىسى مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاۋ كەينى بەك قىزىقتۇردى. «مەن خىزمەتدىشىم جېڭ يى بىلەن يولبويى ماڭغاچ سۈرەتكە تارتىپ، قولىمىزدىكى مىكروفون ۋە تېلېكامېرا ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدۇق.» جاۋ كەي مۇنداق دېدى: «شەھەرلەردە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپتۇ، يېزا - كەنتلەردە يوللار كەڭ، ئازادە ئىكەن، شەھەر بىلەن يېزا - كەنتلەر ئىناق تەرەققىي قىلىپ، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپتۇ... بىزنىڭ مۇشۇنداق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش بۇرچىمىز بار».

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش