دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ «ھاۋا يىپەك يولى»نى زىچ بەرپا قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-23 12:19:54

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، گىرۇزىيە گېئو ھاۋا بوشلۇقى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى - تبىلىس خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى 100 توننا يۈكنى قاچىلاپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچتى. ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى بويىچە ھۆددە ئايروپىلانىدىن 31 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ 62 قېتىم ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، ئومۇمىي يۈك توشۇش مىقدارى 1000 توننىدىن ئاشتى.

«پۇقراۋى يولۇچىلار تىرانسپورتى ۋە يۈك تىرانسپورتى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك كۆپەيتىش» جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ بىرى. 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭدىن پاكىستانغا قاتنايدىغان قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئەسلىگە كەلدى، بۇ، 2020 - يىلى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئەسلىگە كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۇنجى قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئارىسىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسى ئونغا يېتىپ، ئالمۇتا، بىشكەك، دۈشەنبە، تاشكەنت، تبىلىس، ئىسلامئاباد، تېھران، باكۇ، ئاستانە، ئاشخابادلارغا تۇتىشىپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

«نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەسلىگە كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتكە قايتىش تېخىمۇ قولايلاشتى!». يېقىندا، تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخابادتىن نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە چۈشكەن بىر خەلقئارا يولۇچى خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئۈچ يىل داۋاملاشقان يۇقۇم سەۋەبىدىن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەتلەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ۋاقتىنچە توختاپ قالغانىدى، بۇ مەزگىلدە دۆلەتكە قايتىش ئۈچۈن شىئەن ياكى چېڭدۇنى چېگرادىن كىرىش نۇقتىسى قىلىپ تاللاپ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە قايتىشقا توغرا كېلەتتى؛ ھازىر بىۋاسىتە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلدى، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى». ھازىر، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھەر ھەپتىدە ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانى 30 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانىدىن دۆلەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئەڭ قىسقا بولغاندا 120 مىنۇتتىن 90 مىنۇتقا تەڭشىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا 100 مىنۇتقا تەڭشىلىپ، ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن لاھورغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن پاكىستانغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىككىگە كۆپىيىپ، ئۈرۈمچى - لاھور بىلەن ئۈرۈمچى - ئىسلامئاباد ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۆزئارا تولۇقلاش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو - پاكىستان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى قاتناش ئىشقا ئاشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي، رۇسىيەدىكى موسكۋا، رۇسىيەدىكى ساينت پېتېربۇرگ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق خەلقئارا پورت ئايرودۇرۇملىرىدا بۇ يىل ئىچىدە ئەتراپتىكى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاتنايدىغان خەلقئارا يولۇچى - يۈك توشۇش قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى، قاراماي ۋاقىتلىق ئاۋىياتسىيە پورتىنى ئېچىۋېتىش، ۋاقىتلىق خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش قاتارلىقلارمۇ چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىلماقتا.

«بۇ يىل خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس، ماشىنىسازلىق زاپچاسلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش، توشۇش جانلاندى» دەپ تونۇشتۇردى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى لى خاۋ. ھازىرغا قەدەر، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت توشۇش مىقدارى 600 توننىدىن ئاشتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۆلچەرلەندى، يۈك تىرانسپورت ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارالىق تىرىك جانلىق، تېمپېراتۇرىسى كونترول قىلىنىدىغان دورا قاتارلىقلارنى توشۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، لىتىيلىق باتارېيە توشۇش مۇلازىمىتىنى ئېچىپ، خەلقئارا توشۇش مۇلازىمىتى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى.

بۇ يىل، «ھاۋا يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بازار ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردا تىجارەت قىلىدىغان قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەمئىي 364كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئونى بار. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى سىجىل كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى ھۆددە ئايروپىلان كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكەت سىرتىدا يۈك پونكىتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مال مەنبەسى تۈرى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلارنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى ئاچىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش