شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش، ئېلاستىك تەقسىملەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان. 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سۇغىرىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن سۇ جەمئىي 8 مىليارد 230 مىليون كۇب مېتىر بولغان.
«بىز ھەرقايسى جايلارنىڭ ۋادى رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى دۇمىلىما تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ئەسقەر ھوشۇر مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، ئوتلاق تارماقلىرى ئوتتۇرىغا قويغان سۇ ئېھتىياجى پىلانىغا ئاساسەن، دەريادىن كېلىدىغان سۇ، سۇ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان سۇ، يەر ئاستى سۈيى قاتارلىقلارغا دائىر ئەھۋاللارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «2023 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى»نى تۈزۈپ چىقتى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتىيازلىق سۇغىرىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كىلىمات شارائىتى، دەريالاردىن كېلىدىغان سۇ، تۇپراق نەملىكى قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەش جەنۇبىي شىنجاڭدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلدى. ئالدىنقى يىلىدىكى «تولۇق توڭ ياتقۇزۇش، توڭ سۈيىدىن ئەتىيازدا پايدىلىنىش»تىن ئىبارەت پايدىلىق ئامىلنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق سۇغىرىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يېتەرلىك بولدى، شۇنداقلا سۇ بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئومۇمىي سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تېز بولدى.
شىنجاڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە، بۇ يىل شىنجاڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 28 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %13 ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا 137 داۋاملاشما سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %98.56 بولدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان 184 تۈردە ئىش باشلاندى، ئىش باشلاش نىسبىتى %68.67 بولدى، يىللىق جەمئىي تاماملانغان سېلىنما 5 مىليارد 380 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل شىنجاڭ موموق، نىيە، شياتيەنجى 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا چۈشۈرگىنى چۈشۈرۈپ سۇ قاچىلاش باسقۇچلۇق نىشانى تاماملىنىدۇ، شۇ چاغدا سۇ ئامبارلىرىنىڭ سىغىمى يېڭىدىن 167 مىليون كۇب مېتىر كۆپىيىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئەتىيازلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بىرقەدەر ئېغىر بولغان كەلكۈن خەۋپ - خەتىرى ۋە ئاپىتى كۆرۈلمىدى. ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، سۇغىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.