دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 12:10:31

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، ئالماشتۇرۇلۇپ، تونۇش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرلىك سەپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمىتى بولۇپ، «تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش»تەك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش، تۈزۈش، نەشر قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن ئىكەنلىكىنى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق خاس ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىشتىكى ئاساسىي تىرەك ئىكەنلىكىنى، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا ئىكەنلىكىنى، ئەزالارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. يېڭى دەۋر سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش بىلەن تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ پايدىلىنىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنى ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق مەزمۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش، نەشر قىلىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ياخشى ساداسىنى ياڭرىتىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئەزالارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش