بۇ يىل ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ خەلقئاراغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانى 500 ئايروپىلان قېتىمدىن ئاشتى
[مۇھەررىردىن]
5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى. شىنجاڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشتى.
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. «پۇقراۋى يولۇچى تىرانسپورت ۋە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى تەدرىجىي تەرتىپلىك كۆپەيتىش» باشلىقلار يىغىنىدىكى ئاساسلىق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ۋە تەشەببۇسلارنىڭ بىرى، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجە قەغىزى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىدىن يېتىپ كەلدى: 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ خەلقئاراغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانى 500 ئايروپىلان قېتىمدىن، چېگرادىن كىرگەن ـ چىققانلار 85 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئېشىپ، %53.3كە يەتتى، ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 311 ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلان ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %62ىنى ئىگىلىدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز زىچلىشىشى ھەمدە ساياھەت ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا دائىملىق تىجارەتلىك خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى توققۇز دۆلەت ۋە رايوندىكى 15 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە تۇتاشتۇرۇلدى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى، سومېڭ ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان يولۇچىلار ئۈرۈمچى ئارقىلىق جۇڭگو شياڭگاڭ، ئالمۇتا، ئاستانە، تاشكەنت، بىشكەك، دۈشەنبە، ئاشخاباد، ئىسلامئاباد، تىبىلىس، باكۇ، تېھران قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ كېلەلەيدىغان بولدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 4 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچى ئېقىمى مىقدارى 3 ـ ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %32.15 ئاشقان.
خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسىدە ئۇچۇشى، لىنىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى ھەم چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا بولغان ھەرىكەت ھالەتتىكى ئېھتىياجنى ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە لىنىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا پورت تارماقلىرى بىلەن مەخسۇس باش قوشۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇچۇشنىڭ ئالدى ـ كەينى نۇقتىلىرىدىكى ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، ماددىي ئەشيا زاپىسى، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تەرتىپى، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاۋىياتسىيە پورتىدا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق قىلىپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئومۇمىي كاپالەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك كۆزنەك ئايروپورت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، يولۇچى تىرانسپورتى بىلەن يۈك تىرانسپورتىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن، ياۋروپا بىلەن ئاسىياغا تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى پائال چۆرىدەپ، ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز زىچلاشتۇرۇش، كۆپەيتىش بىلەن بىللە، ئاۋىياتسىيە تېز يوللانمىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى خۇ جىڭ مۇنداق دېدى: تاموژنىمىز خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە تورىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق بولغان تاموژنىدىن ئۆتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، زىچلاشتۇرۇلغان، كۆپەيتىلگەن خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ تېز بېرىپ ـ كېلىپ قاتنىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورتى ۋە يۈك تىرانسپورتىدىن ئىبارەت قوش تۈگۈنلۈك ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىدۇ.