دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 12:19:58

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىنى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىنى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنى توغرىسىدىكى قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ 2 - يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا نىزامى (لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش نىزامى (لايىھە)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)»، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى (لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر - يېزا پىلانلاش، باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيلىك ھەرىكىتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئىلى ئوبلاستىنىڭ كەسپىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «سانجى ئوبلاستىنىڭ شەھەر - يېزا قىياپىتى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش نىزامى»، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بورتالا ئوبلاستىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى» توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە) تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقاممەت، دىلشات قىدىرخان، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش