شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش شىنجاڭغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان تەبىئىي گاز قورغاس ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلۈپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 -، 3 - لىنىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جايلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - لىنىيەسى ۋە 3 - لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىن جەمئىي قوبۇل قىلغان تەبىئىي گاز 430 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى غەربتە تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندىن ئۆتۈپ جۇڭگو شىنجاڭغا كىرىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى.
مۇخبىرنىڭ دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى غەربىي رايون تۇرۇبا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - لىنىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىن تەبىئىي گاز بايلىقىنى كىرگۈزۈشىدىكى تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك تۇرۇبا يول ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش غەربتە شىنجاڭ قورغاستىن باشلىنىپ، جەنۇبتا گۇاڭجوۋ، شياڭگاڭغا، شەرقتە شاڭخەيگە يېتىپ بارغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، تەمىنلەشنىڭ قاپلاش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەنپەئەتلىنىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ھېسابلىنىدىكەن.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 3 - لىنىيەسى غەربتە شىنجاڭدىكى قورغاس پورتىدىن باشلىنىپ، شەرقتە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، يىللىق لايىھەلەنگەن گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىر، يۇقىرى ئېقىنى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ C لىنىيەسى بىلەن تۇتىشىدىكەن.