دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ۋىلايىتىمىز 17 مىليون يۈەنلىك سېتىش زاكازى ئىمزالىدى ئاقسۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرى تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىدە رىقابەتلىشىدۇ ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق 2 ـ مەيدان سانلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى 260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى 40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» تەبرىكلەندى ئۈچ مەيدان ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاقسۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرى تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىدە رىقابەتلىشىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 11:32:10

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، مۇخبىر 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ مۇسابىقە رايونى لاگېرىدا، مەيدانغا كىرىپ بولغان ھەرقايسى مۇسابىقە ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنىڭ جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىپ تەڭشەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايىتىمىزدىن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بىردىنبىر يەرلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى ـــ ئاقسۇ ۋۇكۇڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆردى.

  31 ياشلىق خوۋ شىلېي ئاقسۇ ۋۇكۇڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز قالتىس ماھىرلار بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولغاچقا، بېسىمىمىز ناھايىتى چوڭ. بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمىز ھېسابلىنىدۇ، بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن نۇرغۇن يىل تەييارلىق قىلدۇق، مەيلى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بولسۇن ياكى يول باشلىغۇچى، ئارقا سەپ كاپالەت خادىملىرى بولسۇن ھەممىمىز ئىنتايىن تولۇق تەييارلىق قىلدۇق.

  2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئاقسۇ مۇسابىقە بۆلىكىدە قۇملۇق، قاقاسلىق، شېغىللىق قاتارلىق يول بۆلەكلىرى بار بولۇپ، تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق رىقابەت، شۇنداقلا بىر قېتىملىق پىشىپ يېتىلىش ھېسابلىنىدۇ. خوۋ شىلېي مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، مۇسابىقە بۆلىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  ئاپتوموبىل T1 گۇرۇپپىسىنىڭ رىقابىتى تارىختىن بۇيان جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلدى، بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۇتۇپ چىققۇچىلار ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەرنىڭ پۈتۈن مەيدان چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئاپتوموبىل T1 گۇرۇپپىسى T1 + دەرىجە، T1.1 دەرىجە، T1.2 دەرىجە، T1.3 دەرىجە ۋە T1.4 دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  خوۋ شىلېي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم T1.3 دەرىجىلىك ئاشكارا گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق، بۇ گۇرۇپپىدا ئاپتوموبىللار كۆپ، ماھىرلارمۇ كۆپ. بىزگە نىسبەتەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلىلا چوڭ، ئاقسۇلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاساسلىقى ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىمىز، مۇسابىقىدە بىز ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىدە بولىمىز.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاقسۇ ئاپتوموبىل ئەترىتى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ نوم ئېلىپ كېلىش يولىدىكى ئېگىلمەس ـ سۇنماس، جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسىتىدىغان روھىغا ئىگە بولۇش ھەم تۇنجى قېتىم چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئارزۇسىدا بۇ ئەترەتكە ۋۇكۇڭ دەپ ئىسىم قويغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار يەرلىكتىن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئاقسۇنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئاقسۇنى چۈشىنىش، ئاقسۇنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئارزۇسىدا بولغان.

  «ئاقسۇ ۋۇكۇڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى تۇنجى قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلدى، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز!» زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇ شىلېي ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىگە قاتنىشىش شوئارىنى توۋلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش