دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ۋىلايىتىمىز 17 مىليون يۈەنلىك سېتىش زاكازى ئىمزالىدى ئاقسۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرى تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىدە رىقابەتلىشىدۇ ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق 2 ـ مەيدان سانلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى 260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى 40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» تەبرىكلەندى ئۈچ مەيدان ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق 2 ـ مەيدان سانلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 11:40:38

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق 2 ـ مەيدان سانلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە «گۈزەل جۇڭگو، بەختلىك سەپەر» تېمىسىدا 2023 ـ يىللىق «19 ـ ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ئاقسۇ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 11 ـ نۆۋەتلىك تىيانشان تومۇر چوققا مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمىنىڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋىلايىتىمىزنىڭ داۋالاش بايلىقى ئەھۋالى ۋە يارقىن نۇقتىسى، ۋىلايىتىمىزدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى سودا تولۇقلىما داۋالاش سۇغۇرتىسى («خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى») سىياسىتى، ۋىلايىتىمىز چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا ساننى كۆپەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلىش ئەھۋالى، «گۈزەل جۇڭگو، بەختلىك سەپەر» تېمىسىدا 2023 ـ يىللىق «19 ـ ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ئاقسۇ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 11 ـ نۆۋەتلىك تىيانشان تومۇر چوققا مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمىغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزدە 2 ـ دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتى 32 بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمدىن 12سى، ۋىلايەت دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمدىن 89ى، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمدىن 78ى قۇرۇلدى.

  ۋىلايەت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشتا ئورتاق ياردەملىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»نى تۈزۈپ، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى بىرتۇتاش غەملەش فوندىدىن ئاتچوت قىلىپ، ئامما بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ھەققى يۈكىنى يېنىكلەتتى. بۇ يىل ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سودا تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى («خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى») خىزمىتىنى باشلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەت تىپىدىكى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سودا تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئورنىتىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى ئۆزى تۆلەيدىغان داۋالىنىش خىراجىتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى سىرتىدىكى ئۆزى تاپشۇرىدىغان داۋالىنىش خىراجىتىنى يەنە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.

  1 ـ پەسىلدىن بۇيان، ۋىلايەت چارۋىچىلىقتا ساننى كۆپەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش ياخشى ھالىتىنى ساقلىدى. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىز بويىچە بېقىلىۋاتقان چارۋا 8 مىليون 779 مىڭغا، بېقىلىۋاتقان ئۆي قۇشلىرى 5 مىليون 939 مىڭ 900گە يەتتى؛ سېتىلغان چارۋا 1 مىليون 495 مىڭ 700گە، سېتىلغان ئۆي قۇشلىرى 3 مىليون 48 مىڭ 500گە يەتتى؛ گۆش، سۈت، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم ـ ئايرىم 48 مىڭ 200 توننا، 48 مىڭ 200 توننا، 7400 توننا بولدى.

  بۇ يىل، ۋىلايەت يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 ئەمەلىي ئىش» ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنىڭ «10 چوڭ ھەرىكىتى»گە كىرگۈزۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە يۇقىرى پەللىدە تۈرتكە بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %60تىن كۆپرەككە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %26كە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %85تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈلگىلىك ناھىيە، يېزا (بازار)، كەنت قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ.

  5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ۋىلايەت تىيانشان تومۇر چوققا مەنزىرە رايونى . بوزدۆڭدە «گۈزەل جۇڭگو، بەختلىك سەپەر» تېمىسىدا 2023 ـ يىللىق «19 ـ ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ئاقسۇ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 11 ـ نۆۋەتلىك تىيانشان تومۇر چوققا مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت «قىرغىزلارنىڭ بىر كۈنى» تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، تىيانشان تېغى چوققىسى ئات بەيگىسى بايرىمى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 11 تۈرلۈك كىچىك پائالىيەت ۋە «شوتا قەدىمىي يولىدا پىيادە مېڭىش»، «شۇەنزاڭ باسقان يولدا قايتا مېڭىش»، «مۇزلۇق ـ يايلاقتىن ئۆتۈش سەپىرى»، «دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى جايىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تىيانشان تېغىنىڭ مەنزىرىسىنى ئېگىزدە تۇرۇپ تاماشا قىلىش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە، ساياھەت بايرىمىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش