دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ۋىلايىتىمىز 17 مىليون يۈەنلىك سېتىش زاكازى ئىمزالىدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 11:42:59

   ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. «كۇچا چوڭ نېنى شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، تەملىكلىكىدىن يېمەي تۇرالمايسىلەر، كۆپچىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە زاكاز قىلساڭلار بولىدۇ...» 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، 3 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يەرمەنكىسى ۋە خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسى» دېيىلىدۇ)نىڭ ئاقسۇ يەرمەنكە رايونىدا، نىڭبو مېيجياڭ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كامېرا ئالدىدا كۇچانىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەپ تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

  نىڭبو مېيجياڭ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لىن ۋېي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن يېڭى مېۋە ـ چېۋە، گۆش مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار سودىگەرلەرنىڭ بەك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. خېلى كۆپ سودىگەر ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يەرمەنكىگە قاتناشقان چۈ جوۋلۇق سودىگەر جيا جىڭ مۇنداق دېدى: ئائىلەمدىكىلەر شىنجاڭنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشكە بەك ئامراق، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئاقسۇ يەرمەنكە رايونى بارلىقىنى ئاڭلاپ، سېتىۋېلىشقا تەقەززا بولۇپ كەتتىم، ئۇلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ياخشى ئىكەن.

  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يايما ئورنىدا، ئاقسۇ گېلىنكەي ئېكولوگىيە مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى ئېلىپ كەلگەن ياڭاق، چىلان، كىشمىش، شىمېي قېقى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ جىنجى مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 20 نەچچە خىل مەھسۇلات ئېلىپ كەلدۇق، چىلان، ياڭاق، كىشمىشلىرىمىز سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇق، بۇ ئارقىلىق ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سودىگەرگە ئېغىز تەگكۈزدۇق ھەم ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق.

  ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسى 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، شۇ كۈنگە قەدەر، ئاقسۇ يەرمەنكە رايونىدىكى تۈرلۈك مەھسۇلاتلار نەق مەيداندا 193 مىڭ يۈەنلىك سېتىلىپ، 17 مىليون يۈەنلىك سېتىش زاكازى ئىمزالانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش