دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى 40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» تەبرىكلەندى ئۈچ مەيدان ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى» كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-19 12:17:54

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 2024-2023-يىللىق شىنجاڭ غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، سىستېما ئارقىلىق تىزىملاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى 40 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.

  «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇشىنى، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلىشىنى قارشى ئالىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى غەربىي قىسىم پىلانى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۈ لىجيې تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، تەربىيەلەش خىزمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرىدۇ.»

  غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولۇپ، يېزا-كەنت مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ساغلام يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى ۋە يېزا-كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بەش مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان. قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى 2023-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار.

  2001-يىلىدىن ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 38 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭغا كېلىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش