ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى 47 ـ قېتىملىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» بولۇپ، باش تېمىسى «مۇزېي، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق ۋە گۈزەل تۇرمۇش»تىن ئىبارەت. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي) سەرخىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مۇزېيغا كىرىش، مۇزېينى چۈشىنىش، مۇزېيغا ئامراق بولۇپ قېلىشقا جەلپ قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تارىخقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى.
4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىگىچە، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي) سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي) بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈدىغان «يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك قەدىمىي يادىكارلىقلار ـــ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى پۇللار» كۆرگەزمىسى نۆۋەتتە سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۈچ ئاي داۋاملىشىدۇ. بۇ كۆرگەزمە ساياھەتچىلەرنى قەدىمكى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر ئىشلەتكەن پۇللار، غەربىي يۇرتنىڭ يەرلىك پۇلى ۋە يىپەك يولىدىكى قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنى كۆرۈپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ پۇل ساھەسىدىكى ئۇچرىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدەك تارىخىي مۇساپىسىنى ئورتاق ئەسلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي) «قەدىمكى يىپەك يولىدىكى پۇللار» دېگەن مەخسۇس تېمىدا تەڭ قەدەمدە لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى.
4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە، «ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي)» ۋىيشىن سۇپىسىدا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، قەغەز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قەدىمكى پۇللارنىڭ راست ـ يالغانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئامما چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن تونۇشتۇرۇپ، توردا سۈرەت بىلەن يېزىقنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاممىغا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى قوزغىتىدۇ.
5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي)نىڭ جەمئىيەت تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندا ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ماددىي بۇيۇمنى ماددىي بۇيۇمغا ئالماشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش جەريانىدا ماددىي بۇيۇمنى ماددىي بۇيۇمغا ئالماشتۇرۇشنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە پايدا ـ زىيىنى، پۇلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە رولىنى چۈشەندۈردى.
5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي) «مۇزېي دوستى ــ ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىسى دوستلارنى خەلق ئىچىدە ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە باھالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
4 ـ ئايدىن 9 ـ ئايغىچە ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي) «كۆچمە مۇزېي»نى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپى، مەكتەپ، مەھەللە، تۇەن ـ مەيدان قاتارلىقلارغا ئاپىرىپ، مول تارىخىي مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كۆچمە ئېكران شەكلىدە يەتكۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي) جەمئىيەتكە تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى تارقىتىپ، ئاممىنىڭ رايىنى كەڭ توپلاپ، مۇزېينىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش