ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ۋىلايەت، بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرى . جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ھەم ھەمكارلىق تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىنىڭ نىڭبو بېكىتى نەق مەيدانىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 11 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، كېلىشىم سوممىسى 26 مىليارد 740 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى «يىپەك يولىدىكى ئاقسۇ» ناملىق مىللەتلەر ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى. كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق ئالتە ئورۇن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شاڭخەي يوۋپىن ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 11 كارخانا بىلەن نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېشىل مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق كەسىپ، ساھەگە چېتىلىدۇ. ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھەرلىك سودا ئىدارىسى، كۇچا شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سودىگەر چاقىرىش بويىچە ئەھۋال تونۇشتۇردى.
شاڭخەي يوۋپىن ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستراتېگىيە باش دىرېكتورى سۇڭ بو مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئەلا بولۇپ، كارخانىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدىكى بىردىنبىر تاللاش بولالايدۇ.
ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، يەنە «جۇڭگو كۆك خەۋەرلىرى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، «بۇلۇتتىكى ئارال» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا پۈتۈن جەريان بىۋاسىتە كۆسىتىلىپ، توردا بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆرگەنلەر 1 مىليون 70 مىڭ ئادەمگە، ئالقىشلىغانلار 444 مىڭ 100 ئادەمگە يەتتى.
5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن بۇيان، ۋىلايەت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خاڭجوۋ، ۋېنجوۋ، نىڭبودا ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىي 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى.
نىڭبو شەھىرى ۋە ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن لى گۇەندىڭ، جيا جىڭلېي، جۇ لېي پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش