دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى» كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى ۋىلايىتىمىزدىن ئىككى ئائىلە مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ئونسۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان تەييارلىقى پۈتتى ئالدىنقى تۆت ئايدا ۋىلايەت خەلق تۇرمۇشىغا 10 مىليارد 609 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش خىزمىتى لايىھەسىنى رەسمىي بېسىپ تارقاتتى
​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-19 11:30:28

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، ۋىلايەت «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2023 ـ يىللىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى رەسمىي بېسىپ تارقىتىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش بىلەن كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ماس ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى خىزمەت فاڭجېنى قىلىپ، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇھىت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023 ـ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇھىت سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتىنى %59.2كە يەتكۈزۈپ، بۇلغىنىش ئېغىر كۈن سانى نىسبىتىنى %0 (قۇم  ـ توزان بۇنىڭ سىرتىدا) تە كونترول قىلىپ، PM2.5نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى (قۇم ـ توزان بۇنىڭ سىرتىدا)نى ھەر كۇب مېتىردا 38.7 مىكروگىرامدا كونترول قىلىش؛ ئاپتونوم رايون چۈشۈرگەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا ئازوت ئوكسىدى، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى تاماملاش كېرەك. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ۋىلايەت چۈشۈرگەن 2023 ـ يىللىق ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىما ماددىلىرى ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى تاماملىشى كېرەك.

«لايىھە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ۋىلايەت ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، كۆپ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان، تۆۋەن سەۋىيەلىك تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، «كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يېتەكچىلىك مۇندەرىجىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، كۆپ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان، تۆۋەن سەۋىيەلىك تۈرلەرنىڭ ئىجازەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەيدۇ. سۈپەت، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بىخەتەرلىك قاتارلىق قانۇن ـ نىزام ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن ۋە ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىرىكتۈرۈپ ئىخچاملاش سالمىقىنى زورايتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە شاللاپ ۋە ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىپ، ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان» كارخانىلارنىڭ «قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى»نىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇلغىمىنى ئازايتىش بىلەن كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ماس قەدەمدە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جابدۇقلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش» بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، كۆمۈر ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ كۆمۈرنى ئازايتىپ ئېنېرگىيە تېجەش ۋە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ساپال، ئەينەك، ھاك، ئوتقا چىداملىق ماتېرىياللار، قۇيمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كۆمۈر، نېفىت كوكس مېيى، قالدۇق ماي، ئېغىر ماي قاتارلىقلارنى يېقىلغۇ قىلىدىغان سانائەت ئوچاقلىرىنى پاكىز ئېنېرگىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرىدۇ. ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈش، قىشتىن ئىسسىق ئۆتۈشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، كۆمۈرنى تارقاق ئىشلىتىشنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «توك ماس كەلسە توك ئىشلىتىش، گاز ماس كەلسە گاز ئىشلىتىش، پار ماس كەلسە پار ئىشلىتىش، پاكىز كۆمۈر ماس كەلسە پاكىز كۆمۈر ئىشلىتىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش قىلىنغان رايونلىرى، شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايلاردا پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش ياكى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە كۆمۈرنى تارقاق ئىشلىتىشنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 95 مىڭ 500 ئائىلىلىكنى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ پاكىز ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىشنى تاماملايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش