ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. تۈنۈگۈن، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ تورغا چىقىرىلغانلىقىغا ئىككى يىل بولدى. ھازىر، ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا ھەقىقىي ئىسمى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغانلار 680 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە، ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش سانى 1 مىليون 350 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى، كۈندىلىك جانلىق ئابۇنىچى 50 مىڭدىن ئاشتى.
ئىككى يىل، 730 كۈن، 17 مىڭ 520 سائەت.
ئىككى يىل تولىمۇ قىسقا، قىسقىلىقىدىن ئۇزاق تارىخىي ئېقىن جەريانىدا ھەش ـ پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئىككى يىل ھەم ناھايىتى ئۇزۇن، ئۇزۇنلىقىدىن ھەرقانداق بىر شەيئى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ يېڭى قىياپەتكە كىرىدۇ. ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا نىسبەتەن، بۇ ۋاقىت ئۇنى يېتەرلىك «جۇشقۇنلۇق» ۋە «مول»لىققا ئېرىشتۈردى.
2021 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ، ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)لىك تاراتقۇ بايلىقى ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈلدى، ئاخبارات ئۇچۇرلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا تارقىتىلىپ، خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، مۇھىم ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى «بىر چېكىپلا تارقىتىش» ئىشقا ئاشتى، گېزىت ئوقۇش، رادىيو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈشنى «بىر ئېكراندىلا ئالماشتۇرۇش» ئەمەلگە ئېشىپ، ئامما ئۆيىدىن چىقمايلا تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق تور مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.
ئىككى يىلدىن بېرى، نەچچە ئون مىڭ ئابۇنىچىنىڭ يان تېلېفونىدا، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى پارتىيەنىڭ ساداسىنى تارقىتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ زور ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھچى بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش ۋە ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى خاتىرىلەپ كەلدى... مەيلى ئۆركەشلەۋاتقان دەريا بولسۇن ياكى كىچىك ئېقىنلار بولسۇن، مەيلى پارلاپ تۇرغان قۇياش بولسۇن ياكى غۇۋا چاقنىغان يۇلتۇز بولسۇن، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى باشتىن ـ ئاخىر بۇ دەۋرگە تەۋە بولغان تارىخ ۋە شەرەپنى چىن سەمىمىيىتى بىلەن پۈتتى ھەم خاتىرىلىدى.
ئىككى يىلدىن بېرى، بىز كۆچمە تېرمىنالنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تېرمىنالدا كۈچەپ، بارلىق مەھسۇلاتنى ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا تۇنجى بولۇپ تارقىتىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇنىڭ يېڭىچە تاراتقۇغا يۈزلىنىشكە تېز ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىپنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تارقىتىش مەزمۇنى، تارقىتىش شەكلىنىڭ يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان تارقىتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى زورايتىپ، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى يادرو قىلغان «گېزىت، ئىستانسا، تور، ۋىيشىن، تېرمىنال، دوۋيىن، ئېكران»دىن ئىبارەت يەتتە بىر گەۋدىلەشكەن تارقىتىش سېپىنى بەرپا قىلدۇق.
ئىككى يىلدىن بېرى، بىز بىۋاسىتە تارقىتىش پائالىيىتىنى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا تايىنىپ، «خەۋەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «ئاممىۋى پاراۋانلىقنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «پائالىيەتنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى، شۇنداقلا شىنجاڭ سىرتىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تاراتقۇلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چوڭ تىپتىكى تارىخىي جىڭجۈ تىياتىرى «بەن چاۋ»، «ئاقسۇ 2 ـ نۆۋەتلىك ئىككى ئۆلچەملىك مەدەنىيەت بايرىمى . دۆلەت ئىچىدە مودا بولغان مۇزىكا بايرىمى»، «بۇلۇتتا سودىگەر چاقىرىش»، «بۇلۇتتا كېلىشىم ئىمزالاش» قاتارلىق تۈرلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدىن 183 مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇردۇق، توردا كۆرگۈچىلەر سانى 140 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.
ئىككى يىلدىن بېرى، بىز «پۈتۈن تاراتقۇ ئاقىل باشقۇرۇش سۇپىسى»نى زورايتىش، كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا تايىنىپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئاخبارات +» ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، «ئاخبارات + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، سودا ئىشلىرى»نى يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، قاتناش ـ سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە ھۆكۈمەت ئىشلىرى سۇپىسى، ئابۇنىچىلارغا مۇلازىمەت سۇپىسى، ساھەلەرگە سودا ئىشلىرى سۇپىسى قۇرۇپ بەردۇق. ھازىرغىچە، 36 ئىدارە ـ ئورۇن، 54 سودا ئابۇنىچىسى ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا ماكانلىشىپ، 1 مىليون 480 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە تۈرلۈك مۇلازىمەت قىلدى.
ئىككى يىلدىن بېرى، بىز مەۋقەنى «ئىككى مەركەز»نى يۇغۇرۇشقا قويۇپ، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا تايىنىپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى»نى قۇرۇپ چىقىپ، «ناھىيە ـ شەھەرلەر سالاپىتى»، «بازا قۇرۇلۇشى»، «ئۈلگىنىڭ كۈچى» قاتارلىق 10 بۆلەكنى تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈردۇق، 3428 پىدائىيلار قوشۇنىدىكى 390 مىڭ پىدائىينى ماكانلاشتۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىدىن 14 مىڭ 820 مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇردۇق.
«چوڭ قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى ياڭراق بولىدۇ، ئۇلۇغ غايىلىك كىشى چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.» قىزغىنلىق، نەزەر دائىرە ۋە چىن ھېسسىيات ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلغاچقا، ئۇ بارغانسېرى كۆپ ئابۇنىچىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى.
كەلگۈسىدە، ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى باشتىن ـ ئاخىر مىليونلىغان ئابۇنىچى بىلەن «ماس قەدەمدە بولۇپ»، تېخىمۇ زور تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا داۋاملىق يېڭى قەدەم بېسىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسى ئاقسۇ سەھىپىسىنى سىجىل ياخشى سۆزلەپ، تاراتقۇنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش