دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى ۋىلايىتىمىزدىن ئىككى ئائىلە مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ئونسۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان تەييارلىقى پۈتتى ئالدىنقى تۆت ئايدا ۋىلايەت خەلق تۇرمۇشىغا 10 مىليارد 609 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى پەن-تېخنىكا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كۆتۈرۈلدى! دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقتىكى تۇنجى ئاسما رېلىسلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقتى سۈرەتلىك خەۋەر | شىنجاڭدىكى ئىككىنچى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى بولغان بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-18 11:03:17

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېي بەينىڭ)

5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، مۇخبىر باي كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ تيەنرۇي ئېنېرگىيە خىمىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ كىرسىننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. پولى فورمالدېگىد قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇش رايونىدا، كەپشەر ئۇچقۇنلىرى ھەر تەرەپكە چاچراۋاتاتتى. نۆۋەتتە، بۇ پولى فورمالدېگىد قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى.

شىنجاڭ تيەنرۇي ئېنېرگىيە خىمىيە چەكلىك شىركىتى 2021 ـ يىلى 4 ـ ئايدا شىنجاڭ . ئاقسۇ ۋىلايىتى (جېڭجوۋ)نىڭ سودىگەر چاقىرىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا نۇقتىلىق ئىمزالانغان تۈر بولۇپ، 2021 ـ يىلى 5 ـ ئايدا قۇرۇلۇشقا ئىش باشلانغان ئىدى. بۇ تۈر يىلىغا 400 مىڭ توننا فورمالدېگىد، 50 مىڭ توننا فورمال، 30 مىڭ توننا مېتېنامىن، 40 مىڭ توننا پولى فورمالدېگىد ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھەلەندى. بارلىق زاۋۇت رايونى قۇرۇلۇشى باك رايونى، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كونترول قىلىش ـ تىزگىنلەش ئىشخانىسى، ئايلانما سۇ كۆلچىكى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەر يانداش قۇرۇلىدۇ. بۇ تۈر مېتىل ئىسپىرتنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كوكسلانغان مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەھسۇلاتنىڭ تۆۋەن تېخنىكىلىقتىن يۇقىرى تېخنىكىلىققا، يەككە خىلدىن كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ تىپ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. نۆۋەتتە، تۈرنىڭ ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ يىل 7 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

شىنجاڭ تيەنرۇي ئېنېرگىيە خىمىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇڭ يۈگېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشقا جەمئىي 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 150تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولالايمىز. كۆمۈر ۋە نېفىتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى باي كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، باي ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

باي ناھىيەسىنىڭ تۈرلۈك كۆمۈر، قېزىلما بايلىقى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كوكسلاش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شۇ جاينىڭ كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، كۆمۈر تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، زەنجىرىنى تولۇقلاپ، زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى.

باي ناھىيەلىك سېلىنما تۈرلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى چىن مېڭ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ساھەسىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، باي كان رايونى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئاغى ـ ئېرىقئارىسى كان رايونىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە يانداشما مۇھىت تەسىرىنى ئەگىشىپ باھالاش دوكلاتىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىمالىي تاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا كۆمۈر قېزىش كان تۈرىنىڭ «ئۈچ بىرلەشتۈرۈلگەن» (قېزىلما بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىش، گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈش) لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. كۆمۈر ئېلېكتىرنىڭ «ئۈچنى ئۆزگەرتىش بىرلەشمە ھەرىكىتى»نى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، جېجياڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 ـ، 2 ـ نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، شۈكۇاڭ گۇرۇھى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2 ـ نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، خۇاديەن گۇرۇھى كۇچا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 4 ـ نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت تۆت گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش» تۈرلىرىنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، تۈرنى يولغا قويۇش مۈلۈك ئىگىسىنى ئالدىن تاللاپ، تۈرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئابىدە پىلانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۈلۈك ئىگىدارلىقى كارخانىلىرىنىڭ تۈرنىڭ ئىمكانىيەتلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تۈزۈش ۋە ئالاقىدار خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلەرنى كارخانا، گۇرۇھلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەڭ قەدەمدە قانات يايدۇردى. دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» بويىچە 230 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇش، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە 1 مىليارد 951 مىليون كىلوۋات سائەت توكنى يەتكۈزۈشنى تاماملىدى.

نۆۋەتتە، ۋىلايەت باي لوڭيۈ شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا كوكس پېچى كېرەكسىز گازىدىن ئېتېلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش، كۇچا خېيماۋ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، لېيشو خىمىيە شىركىتىنىڭ كوكس پېچى كېرەكسىز گازىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرى قاتارلىقلارنى تېز ئالغا سىلجىتتى، ئوقۇربۇلاق كۆمۈر كېنى جەنۇبىي سانائەت مەيدانىنىڭ پۈتۈنلەي ئىتىك كۆمۈر ئىسكىلاتى، يۈشۇلىڭ كۆمۈر كېنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىش رايونى، باي جۈنشىن خىمىيە سانائىتىنىڭ كاربون قارىسى پېچىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرمۇ جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش