ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ «ئالتۇن مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ يەنىمۇ تېزلىتىلىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇخبىر كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ ئاۋفۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بارغاندا، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئىشچىلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، غەيرىتى تولۇپ تاشقان ئىدى.
بۇ تۈر كۇچا شەھىرى نېفىت ـ تەبىئىي گاز كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتا نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلغان تۈر بولۇپ، 1 ـ قاراردا جەمئىي 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىلىغا 300 مىڭ توننا بىرىكمە ئاممىياك، 160 مىڭ توننا مېلامېن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن سېتىش كىرىمى، تەخمىنەن 400 مىليون يۈەن پايدا ـ باج يارىتىپ، 500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسلىق تۇتقىسى قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى توپلاپ كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېز ئالغا سىلجىتتى.
سۇچىلىق گۈللەنسە، يېزا ئىگىلىكى گۈللىنىدۇ، سۇچىلىق گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ. بۇ يىل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى سۇچىلىق تۈرىدىن 22نى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ «ئالتۇن مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئويبۇلاق سۇ ئامبىرى تۈرى سۇ باشلاش، سۇ تەڭشەش، زاپاس ساقلاش، سۇغىرىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، تۈرنىڭ 2024 ـ يىلى 6 ـ ئايدا پۈتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئويبۇلاق سۇ ئامبىرى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىسى، يول چىڭداش ماشىنىسى، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇش ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سۇ بايلىقى باش پونكىتىنىڭ باشلىقى گوۋ جېڭجۈن مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، توسمىنى تىندۇرۇشتا ئومۇمىي قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ %30ىنى تاماملاپ بولدۇق، بىز قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، بۇ يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇخبىر باي ناھىيەسىدىكى جۇڭتەي جىنخۇي گۇرۇھىنىڭ يانداش 200 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىشتىكى مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، قاتار ـ قاتار يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تاختىسى تۈۋرۈكلىرىنىڭ قاقاسلىقتا قەد كۆتۈرگەنلىكىنى، ئىشچىلارنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
نۆۋەتتە، تۈرنىڭ كۆپلىگەن تۈۋرۈكلىرىنى قۇيۇش خىزمىتى تاماملىنىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش زاپچاسلىرى ئورنىتىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ تۈرگە جەمئىي 1 مىليارد 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى ئۈنۈملۈك ئازايتىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.
نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە كۈچلۈك موتورى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت «تۈر قۇرۇلۇشى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىلى» نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش تۈگۈن نۇقتىسىغا چىڭ قادىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ۋاقتىدا ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، دەل جايىدا ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولى، شۇنداقلا سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇردى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش