ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىن 19 ئائىلە تاللانغان.
ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى ئوقتېرەك كەنتى ئاھالىسى پەرىدەم دۆلەت مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپكە ئېرىشىش بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ناھايىتى چوڭ ئىلھام،بىز جەزمەن شەرەپنى قەدىرلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر قاتلاممۇقاتلام كۆرسىتىپ تاللاش، يوللاپ كۆرسىتىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلەش، ئۇنىۋېرسال باھالاشتىن كېيىن بېكىتىلگەن. بۇ ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق ـ پەزىلىتى ئارقىلىق ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئۆزئارا ئېجىل ـ ئىناق ئۆتىدىغان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئەتراپىدىكى ئائىلىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش