ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەلقئارا ئائىلە كۈنى. مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل 1000 ئائىلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىن ئىككى ئائىلە تاللانغان، بۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تۇرسۇن تۇرغۇن ئائىلىسى، پاتىگۈل مەھەم ئائىلىسى ئىكەن.
تاللانغان بۇ ئائىلىلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئەمگەك روھى، كۈرەش روھى، تۆھپە قوشۇش روھى، ئىجادكارلىق روھى، تىرىشچانلىق ـ ئىقتىسادچىللىق روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر ئائىلىلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
تۇرسۇن تۇرغۇن باي ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسى خەلق ئەسكەرلىرى ئاتلىق ئەسكەرلەر ليەنىنىڭ باشلىقى. ئۇ 2000 ـ يىلى 12 ـ ئايدا ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن، كەينى ـ كەينىدىن تۆت يېزا (بازار)دا ئىشلىدى، 2019 ـ يىلى ئاتىسىنىڭ قولىدىن قامچىنى ئېلىپ، خەلق ئەسكەرلىرى ئاتلىق ئەسكەرلەر ليەنىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، چېگرانى چارلاش، چېگرانى قوغداش، چېگرانى ساقلاش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئالدى.
تۇرسۇن تۇرغۇننىڭ ئايالى تۇراقىز ئەمەر ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئۇ دائىم ئائىلە پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، يولدىشىنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دۇرۇس، ساغلام كەيپىياتتا ئىشقا بېرىش، بىخەتەر ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۇرسۇن تۇرغۇننىڭ تۈرتكىسى ۋە تەسىرى بىلەن، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق تىرىشىپ مېھىر ـ مۇھەببەتلىك، ئىللىق، دېموكراتىك، مەدەنىي بۇ ئائىلىنى ياخشى كۆكلەتتى.
پاتىگۈل مەھەم شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىسى نۇرباغ كەنتىدىكى ئاھالە بولۇپ، كۆپ يىلدىن بېرى يولدىشى بىلەن ھەمدەمدە بولۇپ، ئۆزئارا مېھماندەك ھۆرمەتلىشىپ ئۆتتى. پاتىگۈل مەھەم ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇپ، قېيىنئانىسى تۈگەپ كەتكۈچە ھالىدىن تولۇق خەۋەر ئالدى. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە ئۈلگە بولدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش