دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان تەييارلىقى پۈتتى ئالدىنقى تۆت ئايدا ۋىلايەت خەلق تۇرمۇشىغا 10 مىليارد 609 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى پەن-تېخنىكا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كۆتۈرۈلدى! دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقتىكى تۇنجى ئاسما رېلىسلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقتى سۈرەتلىك خەۋەر | شىنجاڭدىكى ئىككىنچى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى بولغان بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش خىزمىتى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدە 9137 بازار سۇبيېكتى يېڭىدىن كۆپەيدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئونسۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-17 11:14:26

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS1 رەسمىي مۇسابىقىسى ئونسۇ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، باش مۇسابىقە يولى پاقىلىق مەنزىرە رايونى ۋە تىيانشان تومۇر چوققا مەنزىرە رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مۇسابىقە بۆلىكى 206 كىلومېتىر بولۇپ، مۇسابىقە كۆكيار بازىرىدىكى 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە باغچىسىدىن باشلىنىپ، پاقىلىق مەنزىرە رايونى، تىيانشان تومۇر چوققا مەنزىرە رايونى. تاغلاق كەنتى، بوزدۆڭ، چوڭ جىلغا قاتارلىق تۆت چوڭ مەنزىرە رايونىدىن ئۆتىدۇ، مۇسابىقە كۆرۈش نۇقتىسىدىن جەمئىي ئالتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قارلىق تاغ، جىلغا، يايلاقلىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە لىنىيە بويلىرىدىكى ئۆزگىچە مەززىلىك تاماقلارنى تېتىغىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى شۆبە شىركىتى يول بويىدىكى ئالتە ھالقىلىق تۈگۈن، 23 ئاساسىي پونكىتنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى تاماملىدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يول بۆلىكىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنىڭ تور ئىشلىتىش، خەۋەرلىشىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار مۇسابىقىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاقىت تۈگۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئىش تەقسىماتى ۋە ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئونسۇ ناھىيەسى مۇسابىقە بۆلىكىنى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە بىخەتەر مۇسابىقە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تولۇق تاماملىنىش مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش