دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان تەييارلىقى پۈتتى ئالدىنقى تۆت ئايدا ۋىلايەت خەلق تۇرمۇشىغا 10 مىليارد 609 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى پەن-تېخنىكا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كۆتۈرۈلدى! دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقتىكى تۇنجى ئاسما رېلىسلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقتى سۈرەتلىك خەۋەر | شىنجاڭدىكى ئىككىنچى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى بولغان بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش خىزمىتى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدە 9137 بازار سۇبيېكتى يېڭىدىن كۆپەيدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان تەييارلىقى پۈتتى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-17 11:24:59

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي ئاقسۇ كىنو كىچىك بازىرىدا، ئىشچىلارنىڭ سەھنە چىرىغىنى ئېسىش، ياڭراتقۇنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمىنى تەڭشەش قاتارلىق ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئاقسۇ يىپەك يولى سېھرىي كۈچى مەدەنىيەت ـ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چۈەن جاۋرۇي مۇنداق دېدى: ھازىر نەق مەيدان تەييارلىق خىزمىتى تۈگەي دەپ قالدى، بىز ئاخىرقى خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز. 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، بىز ھەر كۈنى كۆپچىلىككە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىمىز.

تەييارلىق نەق مەيدانى شەھەر ئاھالىلىرىنى بەس ـ بەستە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى جاۋ چى مۇنداق دېدى: بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، مەن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ مۇسابىقە باشلىنىش نەق مەيدانىنى كۆرۈپ باققىلى كەلدىم. ئاقسۇلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ بىر تۈرلۈك خەلقئارالىق مۇسابىقىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم، بۇ قېتىمقى راللى مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى پائالىيەتتە ئاپتوموبىل توختىتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى كىنو كىچىك بازىرى ئەتراپىدا 1000غا يېقىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەييارلىغان.

بۇ قېتىمقى تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىدە سەرخىل، ھاياجانلىق دالا ئاپتوموبىلى، موتوسىكلىت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە چولپانلار ناخشا كېچىلىكى، مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى جوۋ چىچۈەن مۇنداق دېدى: مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچىنىڭ ئاقسۇغا كېلىپ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر ھەپتە بۇرۇنلا بېلەت سېتىۋالدىم.

ئىگىلىنىشىچە، 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىدە تەنتەربىيە ھەرىكىتى مەركەز، نەق مەيداندا تاماشا قىلىش، قاتنىشىش ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ساياھەت قىلىش ئاساسىي شەكىل قىلىنىدىكەن، ئاقسۇنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىسى، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرى، مول بايلىقلىرى سىرتقا تونۇشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۇغۇرما تەرەققىياتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىلىپ، ساياھەتچىلەرگە پۈتۈنلەي يېڭىچە ئويناش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش