ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ۋىلايەت مالىيەسى تۇرالغۇ كاپالىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش ۋە مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا جەمئىي 10 مىليارد 609 مىليون يۈەن چىقىم قىلغان، بۇ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70.6ىنى ئىگىلىگەن، مالىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.
شايار ناھىيەسىنىڭ يانتاقشەھەر يېزىسى يېڭىيەر كەنتىدىكى سىمېنتال كالا كۆپەيتىش بازىسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار قوتان قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سېلىۋاتقان بولۇپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراشچىلىق مەنزىرىسى نامايان بولغان ئىدى.
بۇ بازىغا جەمئىي 46 مىليون 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۈچ ئۆلچەملىك قوتان، 30 تارقاق بېقىلىدىغان قوتان، ئۈچ يەم ـ خەشەك لاپىسى، 6000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق سىلوس كارىزى ياسىلىدۇ، يەنە قىغنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قاتارلىق يانداشما ئەسلىھە ـ ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلىدۇ.
بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شايار ناھىيەسىنىڭ كالا باقمىچىلىقىنىڭ توپلىشىش، كۆلەملىشىشكە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ بازا باقمىچى ئائىلىلەر بىلەن پايدىنى باغلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مالىيە چىقىمى سۈرئىتىنى تېزلەتكەچكە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سەھىيە ـ ساغلاملىق، شەھەر ـ يېزا، مەھەللە ئىشلىرى، تۇرالغۇ كاپالىتى، پەن ـ تېخنىكا چىقىمى ئايرىم ـ ئايرىم %4.3، %5.4، %84.9، %177.6، %508.5 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.
شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا، توقسۇ ناھىيەسى ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغان ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئەمگەك كۈچلىرىگە «ئېنېرگىيە تولۇقلىدى». بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ ۋاقتى 30 كۈن بولۇپ، 69 كۇرسانت قاتناشتى. كۇرسانت ئاينۇر مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىملىق ھەقسىز تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى ياخشى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىمەن.
بۇنىڭدىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى چىقىم قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىش ھەققىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش» تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش