ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، «20 ـ قۇرۇلتاي روھىنى بىللە ئۆگىنىپ تەڭ سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ نومۇر ئېلىش ـ قويۇش زالىدا قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ۋىلايەتلىك مائارىپ سىستېمىسى، ۋىلايەتلىك دۆلەت مۈلكى سىستېمىسى ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى يەتتە ناھىيە، ئىككى شەھەردىن كەلگەن ئۆگىنىش ماھىرلىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كۆردى ھەم 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋەكىللەر كوماندىسىغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
بۇ قېتىمقى بەسلىشىش مۇسابىقىسى 3 ـ ئاينىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى جەمئىي 1450 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئاخىرىدا 12 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 36 ماھىر ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. كەسكىن بەسلىشىش ئارقىلىق، كۇچا شەھەرلىك ۋەكىللەر كوماندىسى 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، كەلپىن ناھىيەسى ۋەكىللەر كوماندىسى 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئونسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ۋەكىللەر كوماندىلىرى 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ۋىلايەت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى پۇرسەت قىلىپ، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى؛ خىزمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شەكىل، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى سىناپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىشتەك قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى؛ ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرى ۋە ئۈلگىلىرىدىن، تىرىشىپ ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچ ئۇلىغۇچىلىرى ۋە تۈرتكىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايەت 2020 ـ يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەچكە، ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان، بۇ سۇپىدا ئۆگىنىدىغان پارتىيە ئەزاسى 70 مىڭدىن ھازىرقى 100 مىڭغا كۆپىيىپ، ئوتتۇرىچە ئۆگىنىش جۇغلانما نومۇرى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى 3 ـ ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن چاڭ يۈشۈەن، جاۋ دايى قاتارلىقلار مۇسابىقىنى كۆردى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش