دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتتى
​ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-16 11:27:43

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى(مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ كەن)

مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 5 ـ گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 2 ـ قېتىملىق مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلغاندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈزىتىش ۋەزىپىسى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۈزىتىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور تەرەققىيات مەسىلىسى، مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

يۇقىرى ـ تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇردى

مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە.

ۋىلايەت مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى گۇرۇپپا باشلىقى ۋە 1 ـ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ۋىلايەتلىك مەركەزنىڭ مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشتىكى بىرىنچى جاۋابكار بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىش خىزمىتىدىن قەرەلسىز دوكلات ئاڭلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، مەمۇرىي مەھكىمە دائىمىي يىغىنى ۋە مەخسۇس يىغىن قاتارلىقلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە كەسكىن، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىلىرىنىڭ تەلتۆكۈس تۈزىتىلىش، جايىدا تۈزىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل رەھبەرلەر ناھىيە (شەھەر)لەر ۋە كارخانىلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھەم يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا ئەگىشىپ، شۇ جاي، شۇ تارماقنىڭ تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماسلىشىپ ئالغا سىلجىتىدىغان نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ھازىرغىچە، ۋىلايەت ئۈستىگە ئالغان 14 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىدىن ئۈچى تۈزىتىلدى، قالغان 11ى تەرتىپ، ۋاقىت بويىچە ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ؛ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئامما ئەرز قىلغان، پاش قىلغان 55 مەسىلىنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئۆلچەمگە، نىشانغا توغرىلىنىپ، ئەگىشىپ، چىڭ قادىلىپ بېجىردى

يېشىل، ئېكولوگىيەلىك بولۇش خەلقنىڭ ئارزۇسى، ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى.

ۋىلايەت ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئاساسىدا، ۋىلايەتنىڭ نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، جەمئىي 67 تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى.

ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك، ۋىلايەتلىك تۈزىتىشكە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ ۋىلايەتنىڭ تۈزىتىش تەدبىرى ئاساسىدا ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن، مىقدارلاشتۇرۇلغان تەدبىر تىزىملىكى تۈزۈشىگە ماس قەدەمدە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەربىر تەدبىرگە مەسئۇل ئورۇن، كونكرېت مەسئۇل كىشى ۋە تاماملاش سۈرۈكىنى ئېنىق بېكىتىپ، نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك ئۇل خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلىدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى تىزىملىكلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ۋىلايەت ھەر ئايدا ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك، ۋىلايەتلىك تۈزىتىشكە مەسئۇل ئورۇنلارغا نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن ئېغىزلار بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى.

نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى ھەر ۋاقىت قانات يايدۇرۇپ، تەرتىپ، ۋاقىت بويىچە ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە يەتمىگەن تۈزىتىش تەدبىرى، بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ دەپتەردىن ئۆچۈرۈلمىگەن تۈزىتىش ۋەزىپىسىگە قارىتا، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خېتى ئەۋەتىپ، سۈرۈك ئىچىدە تاماملاش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى؛ تۈزىتىشتە ئارقىدا قالغان، ئالغا سىلجىتىشتا قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولغان نۇقتىلىق ۋەزىپىگە قارىتا مەخسۇس ئادەم قادىلىپ بېجىرىش، نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزدى

ئاسمان تېخىمۇ كۆكەردى، سۇ تېخىمۇ سۈزۈكلەشتى. نۇرغۇن ئاقسۇلۇق ئىلگىرى سېسىق پۇراق قاپلىغان ئەخلەت مەيدانىنىڭ ھازىر سېسىق پۇرىقىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۆيلىرى ئالدىدىكى دەريا سۈيىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈلگەنلىكىنى، كارخانىلارنىڭ كېرەكسىز گازنى قالايمىقان قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئاھالىلەر ھەمىشە ئەرز قىلىدىغان شاۋقۇن مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك تۈزىتىلگەنلىكىنى بايقىدى.

ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى خۇڭ تاۋ چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولۇپ مۇنداق دېدى: بەك ياخشى بولدى، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە مۇھىتى نەچچە يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا ناھايىتى چوڭ ئۆزگەردى، ئەتراپتىكى دەل ـ دەرەخلەر كۆپەيدى، باغچىلار يېشىللىشىپ گۈزەل بولۇپ كەتتى، يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇمان پۈركۈپ چاڭ ـ توزاننى پەسەيتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلدى، كەيپىياتىمىزمۇ ياخشىلاندى.

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملارنى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىللىق ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلدى. پائال تۈردە تۈرلۈك ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى، تور بېكەتلىرى ئارقىلىق ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلدى.

ۋىلايەت بۇنىڭدىن كېيىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلارنىڭ يىللىق ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. يېشىل تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق مۇھىت سۈپىتىنىڭ «پەقەت تېخىمۇ ياخشىلىنىش، ناچارلىشىپ كەتمەسلىك»ىنى قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك قىلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قىستاپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇختا تۇتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش