دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدە 9137 بازار سۇبيېكتى يېڭىدىن كۆپەيدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-16 11:29:33

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدە 9137 بازار سۇبيېكتى يېڭىدىن كۆپەيگەن. ھازىرغىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 201 مىڭ 657گە يەتكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانا قۇرۇش ھالقىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتىنىڭ «ئىجازەت ئېلىش بىلەنلا تىجارەت قىلىش»ىغا تۈرتكە بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆزنىكىدە، قۇرۇلۇش مەسلىھەت شىركىتى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دىڭ ئەپەندى خىزمەتچى خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ كارخانا قۇرۇش مەخسۇس رايونىدا جەدۋەل تولدۇرۇپ، يازما ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى يوللاۋاتاتتى، كارخانا قۇرۇشنى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» ئارقىلىق، شۇ كۈنىلا كارخانىنى تىزىملىتىش، تامغا ئويدۇرۇش، تالون ئىلتىماس قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تىزىملىتىش، ئاممىۋى تۇرالغۇ فوندى ھېساباتى ئېچىش، بانكا ھېساباتى ئېچىش قاتارلىق يەتتە ئىش تۈرىنى تاماملاپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى ئوڭۇشلۇق قولىغا ئالدى.

دىڭ ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇرۇن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرسەك نەچچە كۈن ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر توردا ئۇچۇرلارنى تولدۇرساقلا، ئالاقىدار رەسمىيەتلەر ناھايىتى تېز بېجىرىلىپ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالالايدىكەنمىز.

بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»تىكى سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسى بىلەن، «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»، «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»، «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»، «كىنىشكا بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىۋېتىش»تىن كارخانىنى تىزىملىتىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرونلاشقان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىشى ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىز كارخانا قۇرۇشتىكى يەتتە ئىش تۈرىنى بىر خىزمەت كۈنىدىلا بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش، يەككە سودا ـ سانائەتچىلەر نەق مەيداندىلا بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ شىبىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز كارخانىلارنىڭ نامىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش، مۇھىم بولمىغان ماتېرىياللار «تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىش»، «بىر كۆزنەكتە بىرتۇتاش بېجىرىش»، «ئالدىن كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش»، «ۋاقىت ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق بولۇش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنى «تېز بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن جايدا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»تەك كۆپ خىللاشقان، قولايلىقلاشقان ئىش بېجىرىش تەرتىپى بىلەن تەمىنلەپ، «ئىشنى تېز بېجىرىش، ئىللىق مۇلازىمەت قىلىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش