دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

كېچىلىك ئىقتىساد ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتتى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-16 11:37:06

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. كەچ كىرىشى بىلەن شەھەردە چىراغلار چاقناپ، كوچىلاردا ئادەملەر كۆپەيدى.5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ كونا كوچىسى كەچلىك بازىرىغا بارغاندا، يوپيورۇق چىراغلار ئاستىدا قاتار كەتكەن يېمەك ـ ئىچمەك يايمىلىرىنى كۆردى، بارلىق يايمىلار رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە توپلىشىپ، مەززىلىك تاماقلارنى تېتىغاچ ناخشا ـ ئۇسسۇل ۋە دارۋازلىق ئويۇنىنى كۆرۈپ، ئاقسۇنىڭ قاينام ـ تاشقانلىققا چۆمگەن ئاۋاتلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.

بىر كاۋاپ يايمىسى ئالدىدا بەش ـ ئالتە خېرىدار ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاۋاتقان بولۇپ، يايما ئىگىسى دىلشات يۇنۇس كاۋاپ پىشۇرغاچ مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئىككى يايمام بار، تىجارىتىم ناھايىتى ياخشى.

ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپ باغچىسى مەززىلىك تاماقلار شەھەرچىسى كەچلىك بازىرى باشقىچە جانلىنىپ، يېمەك ـ ئىچمەك، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىستېمالىنى قاندۇردى، شۇنداقلا ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

مۇخبىر كەچلىك بازارغا كىرگەندە، قوي گۆشى كاۋىپى، قۇم قازان شورپىسى، قېتىق زۇڭزا، قاقلىما يېمەكلىك قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار خېرىدارلارنى جەلپ قىلاتتى. قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۈلكە ساداسى، توۋلىغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەيتتى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپ باغچىسى مەززىلىك تاماقلار شەھەرچىسى كەچلىك بازىرىدا قېرىن مانتىسى يايمىسى ئاچىدىغان ئادىل نۇرمەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان سودىمىز ناھايىتى ياخشى، ھەر كۈنى كەچتىكى كىرىمىمىز خېلى ئوبدان بولۇۋاتىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسى كېچىلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، مەۋقەنى ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنى جانلاندۇرۇپ، «ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاقسۇ» كېچىلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىقتىساد ماركىسىنى يارىتىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ۋىلايىتىمىز رايون خاسلىقى، كەسىپ ئورنى، ئىستېمال قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بازىرى ئىتتىك مەززىلىك تائاملار رايونى، چوڭ تىپتىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزى، مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىنى ئاساس قىلىپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، مەزمۇنى مول، كۆپ ۋاسىتىلىك كېچىلىك ئىقتىساد خاسلىقىغا ئىگە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونى بەرپا قىلىپ، كېچىلىك ئىستېمال تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، ساياھەت ئىستىراھىتى، مەدەنىيەت ئىستىراھىتى، سودا ئىستىراھىتى ماركىلىرىنى يارىتىپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش