دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت» شىڭخەي مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئورۇنلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-15 11:34:39

شىنجاڭ گېزىتى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ناخشا، ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ قىسمەن ئارتىس ۋە خىزمەتچى خادىملىرى گۇاڭجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان شىڭخەي مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ شاخې مەكتەپ رايونىغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكىنى تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رەڭدار مىللىي ناخشا - ئۇسسۇلى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلدى.

«گۈللۈك پوتا» ناملىق ئۇسسۇلدا ئارتىسلار قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ياش قىز - يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتكە ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى. «بۇ ئۇسسۇل كۈچلۈك رايون خاسلىقىغا ئىگە بولۇپ، ناھايىتى قىزغىن ئىكەن، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغۇم كەلدى» دېدى شىڭخەي مۇزىكا شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ يې.

«جۇلا» ناملىق ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. «بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سەنئەت بولۇپ، يېقىن ئارىلىقتىن ھۇزۇرلانسا، كىشىگە ھەيران قالارلىق تۇيغۇ بېرىدىكەن، مەن شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇلىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم» دېدى شىڭخەي مۇزىكا شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنى رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خې يەنديې پائالىيەت نەق مەيدانىنىڭ بىرىنچى رېتىدە ئولتۇرۇپ، ئارتىسلارنىڭ ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى.

ئارتىسلار يەنە كۆپچىلىككە «ئۈزۈم ئۈزۈش» «شادلىق يايلىقى» «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» قاتارلىق ئۇسسۇللارنى تەقدىم قىلدى، نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىلەن ئارتىسلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىغا ماسلاشتى.

«ئانارنىڭ دانىلىرى ھەمنەپەس بولدى» ناملىق ناخشىغا جور بولۇپ، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىكتە شوخ مەشرەپ ئويناشقا تەكلىپ قىلدى. «پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، بەس - بەستە سەھنىگە چىقىپ بىز بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىدى. كۆپچىلىك شىنجاڭنى ياخشى كۆرىدىكەن، شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ياخشى كۆرىدىكەن» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى شاتگۈل قادىر.

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» نىڭ مەملىكەتلىك سەييارە ئويۇنى(گۇاڭجوۋ بېكىتى) 5 - ئاينىڭ 13 -، 14 - كۈنى گۇاڭجوۋ چوڭ تىياتىرخانىسىدا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش