دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلى گۇاڭجوۋدا «يۈز ياپقۇسىنى قايرىدى»
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-15 12:32:38

شىنجاڭ گېزىتى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچ، گۇاڭجوۋ شەھىرىدە، 1800دىن ئارتۇق كۆرۈرمەن شىنجاڭدىن كەلگەن بىر مەيدان ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكىدىن ھۇزۇرلاندى. شۇ كۈنى، ناخشا، ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە سەييارە قويۇلۇپ (گۇاڭجوۋ بېكىتى) گۇاڭجوۋ چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئوپېرا زالىدا ئوينالدى.

بۇ ئويۇننى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقارغان بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى سۆزلەنگەن، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىگە دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر جانلىق نامايان قىلىنغان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى چىن قەلبتىن ئىپادىلەنگەن.

ناخشا، ئۇسسۇل، ئېپوس ئېيتىش، چالغۇلار بىلەن ئورۇنلاش، مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىرغا يەنە يۇقىرى پەن - تېخنىكا، بەدىئىيلىك ۋە زامانىۋى پۇراققا تولغان سەھنە گۈزەل سەنئەت ۋاسىتىسى قوشۇلۇپ، يەنە پۈتۈن ئويۇندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن مۇھەببىتى نامايان قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈزبەرگەن شىنجاڭ ياخشى ھېكايىسى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

«ئالدىدا ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، ئارقىدىن ئوركېستىر ئورۇنلىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، گۈزەل ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، نەق مەيداندا تەسىرلىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىدۇق، پۈتۈن مەيدان ئويۇن شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى كۆرۈپ ئاڭلايدىغان بىر قېتىملىق كاتتا كۆرەك بولدى». كۆرۈرمەن گو چيەن «كۈسەن ناخشا - ئۇسسۇلى»نى ئەڭ ياقتۇرۇپ قالدى، قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى نۇسخىسى كۆركەم، ھەيۋەتلىك سەھنە مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان، 11 ئۇسسۇلچى 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پولات جازا ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، بېلىنى تولغاپ، ئالقىنىنى جۈپلەپ، قولىدا گۈل شەكلىنى چىقىراتتى... ئۇسسۇل لەرزان، ناخشا ئاۋازى مۇڭلۇق بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللار، تام رەسىملىرىدە ساقلىنىپ قالغان كۈسەن مۇزىكا ئۇسسۇلىغا «جان» كىرگۈزگەنىدى.

«پۈتۈن مەيدان ئويۇن خۇشال كەيپىياتقا تولدى، ئارتىسلار كامالەتكە يەتكەن ئۇسسۇل ماھارىتى، ياڭراق ناخشا ساداسى ئارقىلىق بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى» دېدى كۆرۈرمەن ياڭ چۇنشيا.

ئويۇننىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورى جەسۇر تۇرسۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نومۇرلار شىنجاڭنىڭ يەرلىك كىلاسسىك مىللىي ناخشىلىرى، مىللىي ئۇسسۇللىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، مىللىي ئېپوس ئېيتىش، مىللىي چالغۇلاردا ئورۇنلانغان مۇزىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىر قاتارلىق ئەڭ يېڭى سەنئەت نەتىجىلىرى يۇغۇرۇلغان.

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» يەنە گۇاڭجوۋ چوڭ تىياتىرخانىسىدا يەنە بىر مەيدان قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش