دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

قەشقەرنىڭ بۇ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى شېنجېندا ئېچىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-15 12:34:37

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار، شوخ ئۇيغۇرچە مۇزىكا، لەرزان ئۇسسۇل قەدىمى... 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋاڭ خەنۋېي ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە بىر سىن تارقاتتى، ئۇ ۋىيشىندىكى دوستلىرىنى شېنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونى مېيلىن كوچا باشقارمىسى مېيخۇا يولى 228 - نومۇرلۇق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيىغا كېلىپ، قەشقەر تەمىنى تېتىپ، شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.

ۋاڭ خەنۋېي شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونى مېيلىن كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى شېنجېن شەھىرىدىن 9 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىر. ئۇ 2020 - يىلى 1 - ئايدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىنى ئىزچىل ئەستىن چىقارمىدى، دائىم 10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرىنىڭ يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى چۈشەيتتى، ئۇ ئىزچىل قەشقەر ئۈچۈن داۋاملىق ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى، يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى.

2022 - يىلى 10 - ئايدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ پەخرىي ئىدارە باشلىقى ئۇلان شۇچۈەن ۋاڭ خەنۋېينىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، شىنجاڭ دادۇ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىگە ۋاكالىتەن 1 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىكى توققۇز كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ شېنجېنغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. «بۇ ياردەمنى چوقۇم قىلىمىز، چوقۇم ئاخىرغىچە ياردەم قىلىمىز!» ۋاڭ خەنۋېي مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مېيلىن كوچا باشقارمىسىدا شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۈچ كادىر بار، ئۇلار 7 -، 8 - ۋە 9 - تۈركۈمدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ھەممىمىز قەشقەر خەلقى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايمىز».

ۋاڭ خەنۋېي ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن باشقا ئىككى كادىرنىڭ ئورتاق ماسلاشتۇرۇشىدا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى تۈرى قوزغىتىلىپ، ئالتۇن بۆلەكتىكى دۇكان ئىجارىگە ئېلىندى، ھەتتا دۇكان ئىجارىسى ئوخشاش بۆلەكتىكى دۇكانلارنىڭكىدىن ئېيىغا 3000 يۈەن ئەرزان ئىدى، ئۇلار يەنە مەخسۇس بېزەكچىلىك شىركىتى ۋە خوجىلىق شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلدى.

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. 100 كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بۇ دۇكاندا يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىن كەلگەن توققۇز كەنت ئاھالىسى ئورتاق تىجارەت قىلىدۇ، ئۇلار قەشقەرنىڭ قۇرۇق مېۋە، سامسا، نان قاتارلىق خاس ئېسىل نازۇ - نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى شېنجېنغا كۆچۈرۈپ كەلدى، بۇ يەردە بىردىنلا خېرىدارلار تېز كۆپىيىپ، «توردا ئالقىشلانغان جاي»غا ئايلاندى.

دۇكاندا تىجارەت باشلاندى، ۋاڭ خەنۋېي بىكار قالمىدى، ئۇ نەچچە كۈندە بىر قېتىم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيىغا بېرىپ كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاكالىتەن سۆزلەپ، ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، دائىم سىن ۋە سۈرەتكە تارتىپ، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيىنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىمۇ شۇ سەۋەبتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيىغا كېلىپ ئىستېمال قىلدى. تىجارەت باشلىنىپ 15 كۈن بولمايلا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى 60 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى بىزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىمىزنىڭ داۋامى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېسسىياتىمىز مۇجەسسەملەنگەن» دېدى ۋاڭ خەنۋېي.

كىچىككىنە بىر يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى شېنجېنغا ماكانلىشىپ، شېنجېن شەھىرى ئاھالىلىرىگە قەشقەر تەمىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىكى توققۇز ئائىلىلىكنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شېنجېندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە بارغان كادىرلارنىڭ قەشقەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە قويۇق دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش