دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرى گۇاڭجوۋدىكى «شياۋمەنياۋ»دا نامايان بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-15 10:22:50

شىنجاڭ گېزىتى، گۇاڭجوۋ، 5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي! كەڭ يېيىلغان بىپايان يايلاق تىيانشاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا، چۆل ـ باياۋان، چەت قىرلار ئايلاندى مۇنبەت ئېتىزغا، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى سۇغاردى ئېرىگەن قارلار...» 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى كەچتە، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ناخشا گۇاڭجوۋ مۇنارىدا ياڭرىدى، لەرزان، يېقىملىق ناخشا ساداسى نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭدىن كەلگەن قىزغىنلىقنى ھېس قىلدۇردى.

شۇ كۈنى، ناخشا ـ ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»دىكى قىسمەن ئارتىسلار «شياۋمەنياۋ» دەپ ئاتالغان گۇاڭجوۋ مۇنارى ئاستىدا، كۇەيشەن ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقىنى نامايان قىلدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقارغان بۇ نومۇردا شىنجاڭنىڭ رەڭگارەڭ، كۆركەم يەرلىك مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيەت نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان بولۇپ، 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ، 14 ـ كۈنلىرى گۇاڭجوۋ چوڭ تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ قېتىمقى كۇەيشەن پائالىيىتى ئويۇن قويۇش ئالدىدىكى تەييارلىق پائالىيىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

«شىنجاڭدىن كەلگەن ئارتىسلار مۇزىكا ۋە ناخشا ساداسى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىدى. <شياۋمەنياۋ> گۇاڭجوۋنىڭ ساياھەت كۆزنىكى بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۇەيشەن پائالىيىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا بېرىپ ئايلىنىپ بېقىشقا، كۆرۈپ كېلىشكە، شىنجاڭغا بېرىپ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ـ سەنئەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ» دېدى گۇاڭجوۋ مۇنارى ساياھەت ـ مەدەنىيەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لو جيۇ.

«ناخشىچىنىڭ ئاۋازى بەك يېقىملىق ئىكەن. گۇاڭجوۋدىكى ساياھىتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە بۇنداق يېقىملىق ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلدىم، پۇرسەت بولسا چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن» دېدى مىسىردىن كەلگەن ساياھەتچى جانى.

شۇ كۈنى شىنجاڭنىڭ ناخشا ئارتىسلىرى جۇجياڭ كېچىلىك ساياھەت كېمىسىگە چىقىپ، ساياھەتچىلەرگە «سىزگە بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلاي» «بىر پىيالە مەي» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ بەردى.

ئويۇننىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورى جەسۇر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل ماكانى، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكىلەر شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. كۇەيشەندىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق، بىز كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ سەنئىتى ۋە خەلق ئۆرپ ـ ئادىتىنى نامايان قىلىپ، ئويۇننى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىمىز، تونۇشتۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش