ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن باي ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى ۋە ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، يۇقىرىغا پائال قاتراپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ بېجىرىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ۋۇ خۇڭجەن شىنجاڭ «1 ـ ئاۋغۇست» پولات ـ تۆمۈر گۇرۇھى باي شىركىتىگە كېلىپ، باي ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى كان رايونىدىكى رۇنخۇا كۆمۈر كېنىنىڭ ئوت كەتكەن رايونىنى تۈزەش تۈرى ۋە سېسىق قۇدۇقىنىڭ 17 ـ، 18 ـ نومۇرلۇق ئوت كەتكەن رايونى قاتارلىق جايلاردا ئالاقىدار خىزمەت تونۇشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تىجارەت تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ «1 ـ ئاۋغۇست» پولات ـ تۆمۈر شىركىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئوت كەتكەن رايونلارنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ۋۇخۇڭجەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىش، توقسۇ ـ باي تۆمۈريولى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر پۈتكۈزۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى موتورغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دائىم سىرتقا قاتراپ بېجىرىپ، ئادەتتىن تاشقىرى ۋاسىتە ئارقىلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت، تۈر، مەبلەغ مەدىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، تۈر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە مۇھىم ئامىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتۈن جەريانغا ئەگىشىپ، ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشان ـ ۋەزىپىلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، قولىدا تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ قويىدىغان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، قاراتمىلىق ھالدا تەدبىر قوللىنىپ، كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرى، كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش