دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 1 ـ پەسىلدىكى ئاممىۋى بايلىق سودا سوممىسىدا يۇقىرى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرى كېپىل بولۇۋاتقان قالدۇق سومما 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى سىچۇەن پاۋوكې مىنېرال تالا بۇيۇملىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكىلەر ئاقسۇنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدى ۋىلايەتتە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى 2023 ـ يىلى 2 ـ پەسىللىك «جۇڭگولۇق ياخشى كىشى»لەر نامزاتىنىڭ تەكلىپ نامزاتى تىزىملىكىگە كىردى ​ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى پۇختا قوغدىدى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش (شېنجېن بېكىتى) مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 1 ـ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.1 ئاشتى ئاشكارىلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ! شىنجاڭدىكى بۇ يېزا يولى 2022- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئون يېزا تاشيولى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

7 مىليارد 11 مىليون يۈەن
1 ـ پەسىلدىكى ئاممىۋى بايلىق سودا سوممىسىدا يۇقىرى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-11 11:51:25

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاممىۋى بايلىق سودا تۈرى 707 بولۇپ، سودا سوممىسى 7 مىليارد 11 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %4.12 ۋە %8.75 ئېشىپ، سودا سانى، سودا سوممىسىدا تەڭ ئېشىش ئىشقا ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى ئۆلكە، شەھەر ھالقىغان ئاممىۋى بايلىق سودىسىدىكى ئالاقە ـ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باشقا جايدا تۇرۇپ يىراق مۇساپىلىك خېرىدار باھالاش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىشىش «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار، شىنجاڭ سىرتىدىكى شەنشى ئۆلكىسى، شيەنياڭ شەھىرى، ۋۇخۇ شەھىرى بىلەن باشقا جايدا تۇرۇپ يىراق مۇساپىلىك خېرىدار باھالاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، يۇقىرى ساپالىق مۇتەخەسسىسلەر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايەت بىلەن ناھىيەلەر ئوتتۇرىسىدا جەمئىي 54 بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە باشقا جايدا تۇرۇپ يىراق مۇساپىلىك خېرىدار باھالاش قانات يايدۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك ئالاقىسى مۇلازىمىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك ئالاقىسى ئارقىلىق خېرىدار بولۇش كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش ـ خېرىدار بولۇش ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.        

1 ـ پەسىلدە، تۇرۇشلۇق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ، جەمئىي 2456 ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك ئالاقىسى سېتىپ، كارخانىلارغا 478 مىليون يۈەن نەق پۇل ئوبوروتى تارقىتىپ بېرىپ، ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك ئالاقىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %85كە يەتكۈزدى. «تور سىرتىدا كۆرۈشمەسلىك، توردا نۇقتىدىن نۇقتىغا بولۇش»نى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، خېرىدار بولۇش كاپالەت پۇلىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىي 270 مىليون يۈەن خېرىدار بولۇش كاپالەت پۇلىنى ئاپتوماتىك قايتۇردى.

ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەن چۇڭجيەن مۇنداق دېدى: مەركىزىمىز «كۆرۈشمەي» سودا قىلىش سىستېمىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك ئالاقىسى ئارقىلىق تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە خېرىدار بولۇشتىكى ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك ئالاقىسى ھەققى نىسبىتىنىڭ %9تىن %8كە تۆۋەنلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەككە سودىدا ئېلىنىدىغان ئەڭ تۆۋەن ھەقنى 600 يۈەندىن 400 يۈەنگە تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ خەلققە قولايلىق يارىتىش يولىدا ئەمەلىي تەدبىر يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش