دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش سىچۇەن پاۋوكې مىنېرال تالا بۇيۇملىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكىلەر ئاقسۇنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدى ۋىلايەتتە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى 2023 ـ يىلى 2 ـ پەسىللىك «جۇڭگولۇق ياخشى كىشى»لەر نامزاتىنىڭ تەكلىپ نامزاتى تىزىملىكىگە كىردى ​ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى پۇختا قوغدىدى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش (شېنجېن بېكىتى) مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 1 ـ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.1 ئاشتى ئاشكارىلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ! شىنجاڭدىكى بۇ يېزا يولى 2022- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئون يېزا تاشيولى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرى كېپىل بولۇۋاتقان قالدۇق سومما 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-11 11:45:19

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزدىكى 10 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتى كېپىل بولۇۋاتقان قالدۇق سومما 3 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، 3 مىليارد 68 مىليون يۈەنلىك 3570 كەسىپكە كېپىل بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلەتكەن.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك شېڭجياڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جيا جېنيۈەن مۇنداق دېدى: كارخانىمىز بۇغداي سېتىۋالغاندا ئايلانما مەبلەغ يېتىشمىگەن ئىدى، شىنجاڭ شىنيۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەھۋالىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىمىزنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، مەبلەغ بېسىمىمىزنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى 10 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، بانكا ئۈچۈن خەۋپ ـ خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى قىلىپ، «كىچىك كارخانىلارنى يۆلەش، ئۇششاق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش» ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ،«يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش» مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كېپىللىك مۇلازىمىتى بوسۇغىسىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 10 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتى «قەرزنى كۆرسىلا كېپىل بولۇش»تىن ئىبارەت خەۋپ ـ خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ھەمكارلاشقان بانكىلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ۋاقىت، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك مۇلازىمىتىنىڭ كۆلىمى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

بۇنىڭدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىشتىكى ئاساسلىق كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن خەۋپ ـ خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىناكارلىق ساھەسىدىكى كېپىللىك ئالاقىسى كەسپىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى سىجىل تۆۋەنلىتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىتتىرگۈچلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش