ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، سىچۇەن پاۋوكې مىنېرال تالا بۇيۇملىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يىفېڭ قاتارلىقلار ئاقسۇنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدى ھەم بازالىت كان مەھسۇلاتىنى ئېچىش تۈرىدە ھەمكارلىشىش ئىشلىرى توغرىسىدا ۋىلايەت بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.
سىچۇەن پاۋوكې مىنېرال تالا بۇيۇملىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەخسۇس بازالىتلىق تالا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ياساش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن شىركەت. ئىگىلىنىشىچە، بازالىتلىق تالا تەبىئىي بازالىتنى سوزۇپ ياسىغان ئۇزۇن تالا، دۆلەت نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تۆت چوڭ تالانىڭ بىرى بولۇپ، سانائەتلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بازالىتلىق تالا توك ئۆتكۈزمەسلىك، چىرىتىشكە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىدامچان بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۆزگىچە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ماتېرىيال. پاراخوت ياساش، ئاپتوموبىل ساھەسى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۈزگۈچ توقۇلمىلىرى ۋە مۇداپىئەلىنىش ساھەسى قاتارلىق كۆپ جەھەتتە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.
ۋىلايەتتە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، ليۇ يىفېڭ سىچۇەن پاۋوكې مىنېرال تالا بۇيۇملىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاقسۇ بىلەن بىرلىكتە بىناكارلىق، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە بازالىت رۇدىسىنى ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەڭ كۈچەپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكا، بايلىق، ئىختىساسلىقلار، بازار قاتارلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاقسۇغا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋىلايەت تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن مۇھىت، تېخىمۇ ئېنىق سىياسەت، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، سىچۇەن پاۋوكې مىنېرال تالا بۇيۇملىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقسۇغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلىشىنى سىياسەت مەدىتى، سۇپا تىرىكى، ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ بازالىت يېشىل كانچىلىق پەن ـ تېخنىكا باغچىسى تۈرى قۇرۇلۇشىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم كېيىنكى مەزگىللىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئېچىش قاتارلىق ئىشلاردا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋىلايىتىمىزنىڭ بازالىتلىق تالا ماتېرىيالى ۋە ئۇنىڭ بىرىكمە ماتېرىيال كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەم ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.
ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ فېڭيۈەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش