دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايەتتە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى 2023 ـ يىلى 2 ـ پەسىللىك «جۇڭگولۇق ياخشى كىشى»لەر نامزاتىنىڭ تەكلىپ نامزاتى تىزىملىكىگە كىردى ​ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى پۇختا قوغدىدى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش (شېنجېن بېكىتى) مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 1 ـ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.1 ئاشتى ئاشكارىلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ! شىنجاڭدىكى بۇ يېزا يولى 2022- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئون يېزا تاشيولى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چوڭقۇر قېزىلىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتتە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-11 11:38:14

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ 2023 ـ يىللىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر، غايە ـ ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، «تۆت ئاڭ»نى مەھكەم تۇرغۇزۇش، باشتىن ـ ئاخىر «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى تىكلەش»نى چوڭقۇر ئىگىلەش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپكى تەلەپنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۈرەش نىشانى قىلىشى كېرەك.

ھازىر، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كېڭەيتىش، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، دىققەتنى نىشان يۆنىلىشىگە باشتىن ـ ئاخىر مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنى ئاساس قىلىش، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇش، ئىنچىكە باشقۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەرپا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ مول مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

يىغىندا، ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسى يېقىنقى مەزگىللىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋىلايەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ يۈشۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش