دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى 2023 ـ يىلى 2 ـ پەسىللىك «جۇڭگولۇق ياخشى كىشى»لەر نامزاتىنىڭ تەكلىپ نامزاتى تىزىملىكىگە كىردى ​ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى پۇختا قوغدىدى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش (شېنجېن بېكىتى) مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 1 ـ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.1 ئاشتى ئاشكارىلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ! شىنجاڭدىكى بۇ يېزا يولى 2022- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئون يېزا تاشيولى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يەتتى بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چوڭقۇر قېزىلىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى 2023 ـ يىلى 2 ـ پەسىللىك «جۇڭگولۇق ياخشى كىشى»لەر نامزاتىنىڭ تەكلىپ نامزاتى تىزىملىكىگە كىردى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-11 11:33:26

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىن ئۈچ كىشى 2023 ـ يىلى 2 ـ پەسىللىك «جۇڭگولۇق ياخشى كىشىلەر» نامزاتىنىڭ تەكلىپ نامزاتى تىزىملىكىگە كىرگەن بولۇپ، 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن 12 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭ مەدەنىيلىك تورىدا ئاشكارىلىنىدىكەن.

باي ناھىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسى تيەنتاڭخۇ كۆلى ئائىلىۋى مېھمانخانىسى يېزا ـ كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاتلىق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەختەم ئىسمايىل «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ياخشى كىشى» نامزاتىغا كىردى. ئۇ پىدائىيلار مۇلازىمىتى 1 ـ سېپىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەپ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتناشقان. 2022 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا باي ناھىيەسى قېيىر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن» ئىلغار شەخس، دەپ نام بېرىلگەن.

كەلپىن ناھىيەلىك دۆلەت دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئورمىنى قىزىلتام مەركىزىي قوغداش پونكىتىنىڭ باشلىقى غېنى ھوشۇر «كەسپىنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشقان ياخشى كىشى» نامزاتىغا كىردى. غېنى ھوشۇر ئەسلىدە كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر ئاشلىق پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى، 2002 ـ يىلى ئىدارىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سەۋەبىدىن، ئۇ ئەڭ چەت جايدىكى قىزىلتام مەركىزىي قوغداش پونكىتىغا كېلىپ ئىشلەشنى تاللاپ، شۇ ئىشلىگىنىچە 20 يىل ئىشلىدى، ئۆزى يالغۇز چارلاپ قوغدايدىغان توغراقلىق كۆلىمى 14 مىڭ 109 موغا يېتەتتى. 2022 ـ يىللىق «قالتىس ئاقسۇلۇقلار»نى تەقدىرلەش مۇراسىمىدا، غېنى ھوشۇرغا «كەسپىنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش نەمۇنىچىسى» دېگەن نام بېرىلدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ 5 ـ دەرىجىلىك خىزمەتچىسى، قوشۇمچە ماددىي ئەشيا بۆلۈمى (ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش مەركىزى) ماددىي ئەشيا ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەسئۇلى جاڭ جۈنچىڭ «چوڭلارغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا كۆيۈنگەن ياخشى كىشى» نامزاتىغا كىردى. 31 يىلدىن بۇيان، جاڭ جۈنچىڭ بىلەن تۇنىساخان قاسىم ئائىلىسى قوشنىدىن تۇغقانغا ئايلاندى. جاڭ جۈنچىڭ بىلەن تۇنىساخان قاسىمنىڭ بالىلىرى بىرلىكتە چوڭ بولدى، تۇنىساخان قاسىمنىڭ قىزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، تۇنىساخان قاسىمنى ئاپا قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆز ئوغلىدەك خەۋەر ئالدى. ھەر قېتىملىق ھېيت ـ بايرامدا، جاڭ جۈنچىڭ موماينى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ جەم بولاتتى. چوڭلارغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا كۆيۈنگەنلىكى ئۈچۈن، جاڭ جۈنچىڭ 2023 ـ يىلى 1 ـ پەسىللىك «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلار» نامزاتى تىزىملىكىگە كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش