ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ 15 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى تارقىتىپ، كەڭ ئاممىنى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەسكەرتتى.
يەر تەۋرىگەندە، ئۆي ئىچىدە بولسا، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق تىرەك بولىدىغان ئۆيلەرگە يوشۇرۇنۇش، دېرىزە، ئىشىك قاتارلىقلارغا يېقىنلاشماسلىق، چېقىلغان ئەينەك قاتارلىقلارنىڭ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش؛ ئەگەر سىرتتا بولسا، ئىستولبا، قورۇق تام قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇپ، بىرقەدەر كەڭرى جايغا قاراپ يۈگۈرۈش لازىم.
كەلكۈن كەلگەندە، يېقىن ئەتراپتىكى تاغ دۆڭلۈكى، ئېگىز جاي قاتارلىقلارغا يۆتكىلىش ياكى دەرھال ئۆگزە، چوڭ دەرەخ قاتارلىق ئېگىزرەك جايلارغا يامىشىپ چىقىپ، خەتەردىن ۋاقتىنچە ساقلىنىش؛ ئەگەر قاپسىلىپ قالسا، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ، پۇشتەك چېلىش، ئوچۇق رەڭلىك كىيىم قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتسىمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر كەلكۈنگە چۈشۈپ كەتسە، جەزمەن ئامالنىڭ بارىچە مۇقىم ياكى لەيلەۋاتقان جىسىمنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، پۇرسەت تېپىپ قۇتۇلۇش لازىم.
مۆلدۈر چۈشكەندە، دەرھال ئۆيگە كىرىۋېلىش ياكى پۇختا دالدا بولىدىغان نەرسىنىڭ ئاستىدا دالدىلىنىش، تۆت ئەتراپتا ئاسان چۈشۈپ كېتىدىغان خەتەرلىك بۇيۇمنىڭ بار ـ يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، چۈشۈپ كېتىپ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش؛ ئەگەر مۇۋاپىق دالدا بولىدىغان نەرسە بولمىسا، شامالغا دۈمبىنى قىلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن باشنى قۇچاقلاپ، باش، كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
قۇم بوران چىققاندا، ئىمكانقەدەر ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، ئىشىك ـ دېرىزىلەرنى ھىم ئېتىش لازىم. ئەگەر سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، ماسكا تاقاپ، ئىمكانقەدەر ئازادە جايدا مېڭىش؛ ئېگىز ئىمارەت، ئېلان تاختىلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئەتراپتىكى ئەھۋالنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، بۇ جايدىن تېز ئۆتۈپ كېتىش؛ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، چىراغنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، بىنادىن، قورشاۋغا ئېلىنغان قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدىن يىراق جايلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش لازىم.
لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن يۈزبەرگەندە، دەرھال جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغ دۆڭلۈكى ياكى ئېگىز جايغا قاراپ يۈگۈرۈش، شۇنداقلا ئېگىزدىن دومىلاپ چۈشكەن تاشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ئويمان جايدا توختاپ قالماسلىق، ئېقىننى بويلاپ ماڭماسلىق؛ قېچىپ كېتىشكە ئامالسىز قالغاندا، دەرھال ياندىكى دەل ـ دەرەخ قاتارلىق مۇقىم جىسىملارنى قۇچاقلىۋېلىپ، توساق بولالايدىغان پۇختا جىسىمنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ، باشنى ياخشى قوغداشقا دىققەت قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تېزرەك ئالاقىلىشىپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى ساقلاش لازىم.
گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغقاندا، ئىشىك ـ دېرىزىلەرنى ئېتىشكە دىققەت قىلىش لازىم. ئۆي ئىچىدىكىلەر ئىشىك ـ دېرىزە، سۇ تۇرۇبىسى، گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق مېتال جىسىملاردىن يىراق تۇرۇشى؛ سىرتتىكىلەر ئامال بار شەھەر سىرتىدىكى كەڭ جايدا توختاپ قالماسلىق، يۈگۈرمەسلىك، كۈنلۈك تۇتماسلىق، ئامال بار ئويمان يەرنى تېپىپ، شۇ جايدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش؛ ئايرىم چاقماق قايتۇرغۇچ، سۇ كۆلچىكى، ئىستولبا قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇپ، چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش