شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىدە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ساقلىنىپ، ئۈنۈمدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان بولۇپ، تۇنجى پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا 5 مىليارد 475 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.1 ئاشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ جىنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئايلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا قايتا ئۆرلەش ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.
پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى مۇقىم ئېشىپ، كۆلىمى، ھەجمى يەنىمۇ زورايدى. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 658 مىليارد 133 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشتى؛ ساپ مۈلكى 1 تىرىليون 233 مىليارد 179 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خوشاۋيۈن قوغۇشۇن ـ سىنك كېنىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي ـ ئالتۇن كېنىغا ئېرىشىپ مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. شىنجاڭ باۋدى كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى 3 ـ ئاينىڭ باشلىرىدا A پاي چېكى بازىرىدا IPO نى تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىشنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان 9 ـ شىركىتى بولۇپ قالدى، بازار قىممىتى 5 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتتى.
«شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشى راۋان بولدى، تىجارەت كىرىمىدە ئېشىش ساقلاندى» دېدى جاڭ جىنپىڭ. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى جەمئىي 131 مىليارد 18 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئاشتى؛ 3 ـ ئايدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 54 مىليارد 184 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە سودا كەسپى، جەمئىيەت مۇلازىمىتى كەسپى، بىناكارلىق كەسپى، قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 4 مىليارد 364 مىليون يۈەن، 3 مىليارد يۈەن، 1 مىليارد 638 مىليون يۈەن، 1 مىليارد 601 مىليون يۈەن ئاشتى.
3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش چىقىمى سىجىل ئاشتى؛ يىللىق ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتى %1.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ تىجارەت نەق پۇل نىسبىتى %10.96 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئومۇمىي خادىمنىڭ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى 282 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشتى.
1 ـ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 14 مىليارد 524 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.2 ئېشىپ، تەرەققىيات ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
جاڭ جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىمى بويىچە، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، پايدىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.